باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق تاشلىق كىتاب: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى(12)

2015.09.25 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خاتىمە

  60 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىش، 60 يىللىق ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات.

  60 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى، مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي ماڭدى، ھەر مىللەت ئامما باراۋەر ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىش، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بەرپا قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلەتنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ئىناق ئۆتۈشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسىي ئالدىنقى شەرت ۋە مۇھىم كاپالەت.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»دىكى يادرولۇق رايون بولغان شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنىكى، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە داۋالاش-مۇلازىمەت مەركىزى. مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇش»تىن ئىبارەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، داۋاملىق زەپەر قۇچماقتا.

  ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچىنى ئويۇشتۇرۇپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە قەلب ساداسى.

  شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى!

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر