باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق تاشلىق كىتاب: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى(11)

2015.09.25 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توققۇزىنچى، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن مەدىتى ۋە ياردىمى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ تەرققىياتىغا باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنى قوللاش ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 60 يىل مابەينىدە، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا ئاجراتقان مالىيە ياردىمى جەمئىي 1 تىرىللىيون 691 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئوخشىمىغان مەزگىلدە، دۆلەت ۋە قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر شىنجاڭغا ئوخشىمىغان شەكىلدە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى.

  دۆلەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىنى قوللىدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلۇپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانغا قەدەر، دۆلەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زىيالىلار ۋە كەسپ-تېخنىكا خادىملىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا تەقسىملەش، سەپەرۋەر قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلارنى، شەھەرلەردىكى ياش زىيالىلار، ئىشچىلارنى چېگرا رايون قۇرۇلىشىغا ئاتلىنىشقا چاقىرىق قىلىش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن، كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى شىنجاڭدا قېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، جاپالىق ئىگىلىك تىكلىگەن، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان بىر ئەۋلاد قۇرغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، بوز يەر ئېچىپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ۋە دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. دۆلەت «كىرىم- چىقىمنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئومومىي سومما بويىچە ھېساپلاش، ئېشىنچىنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇش، يەتمىسە تولۇقلاش، بىر يىلدا بىر بېكىتىش» ھەم مىللىي رايونلارنىڭ مالىيە تەييارلىق سوممىسىنىڭ تەسىس قىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، مىللىي سودا كارخانىلىرىغا سىياسەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ ئالاھىدە ياردىمى، تولۇقلىمىسى قاتارلىق تۈرلۈك مەخسۇس مەبلەغلەرنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بەردى. 1955-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، دۆلەت شىنجاڭغا جەمئىي 7 مىليارد 190 مىليون يۈەن ياردەم بەردى. زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لەنجۇ- شىنجاڭ تۆمۈر يولى، قاراماي نېفىتلىكى، تارىم نېفىتلىكى قاتارلىق زور ئۇل ئەسلىھە ۋە سانائەت تۈرلىرىنى تاماملىدى.

  سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللاش سالمىقى ئاشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىقتىساد، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، داۋالاش، ئېكولوگىيە، مۇھىت ئاسراش، پۇل مۇئامىلە ساھەلىرىدە شىنجاڭنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 1980-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە يىلىغا %10 ئاشۇرۇلىدىغان ھۆددىگە بېرىلگەن ئاساسىي ساننى تەكشۈرۈپ بېكىتىش مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويدى. 1994- يىلى دۆلەت مالىيەنى باج ئايرىش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تولۇقلىمىسى ۋە مەخسۇس پۇل ئاجرىتىش سىياسىتىنى ئومومىيۈزلۈك ساقلاپ قالدى. 1995-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈنچى باسقۇچلۇق يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمى چارىسىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئۈچۈن سىياسەت خاراكتىرلىك يۆتكىمە چىقىم مەزمۇنىنى مەخسۇس بېكىتتى. كارخانىلارنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشىغا يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، مالىيە سېلىنمىسى ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى. 2005-يىلى جەنوبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ شىسىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نوقتىلىق يۆلەش خىزمىتى باشلاندى. 2007- يىلى «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  20

  مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈلدى ھەم يەتكۈزۈپ بېرىلدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، دۆلەت شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى يۈزدىن ئارتۇق مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىشىش پىلانىنى ئىلگىرى سۈردى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى دەسلەپكى 800دىن ھازىرقى 6800گە كېڭەيدى. 2014-يىلىغىچە جەمئىي 54 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، شىنجاڭغا 21 مىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ بېرىلدى. 2000-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، جەمئىي 70 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، ھازىرغىچە 38 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە ٪95 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە(بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، ئاپتونوم رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتتى. 2003-يىلى شىنجاڭنىڭ شەھەرلىرىدە رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىلىپ، جەمئىي 61 مىڭ 300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، 2011-يىلى ئىچىكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىلىپ، 13 مىڭ 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ھەمكارلىشىش پىلانى بويىچە ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىندى. ئىچكىرىدىكى 20 دىن ئارتۇق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۆلكە(بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، ئاپتونوم رايوندىكى 600 گە يېقىن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى 100 مىڭدىن ئاشتى.

  1996-يىلى دۆلىتىمىز شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ئەندىزىسى بويىچە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مەخسۇس ياردەم بەردى. 2014-يىلىغىچە سەككىز تۈركۈمدە جەمئىي 11 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ۋە ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا خىزمەتكە ئەۋەتتى. 2004-يىلى «دوكتورلار مۇلازىمەت ئۆمىكى»نى ئەۋەتىش خىزمىتىنى باشلاپ، 11 تۈركۈمدە جەمئىي 81 دوكتورنى شىنجاڭغا خىزمەتكە ئەۋەتتى. دۆلىتىمىز يەنە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى؛ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىغا ۋە ئىقتىسادى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان رايونلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە شىنجاڭ سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلدى، «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا يۇقىرى قاتلاملىق تايانچ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانى»، «غەربىي يۇرت نۇرى» زىيارەتچى ئالىملارنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە مىللىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ ئۇلارنى يۆلىدى.

  شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2010-يىلى 3-ئايدا 1-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، مەركەز مەملىكەت بويىچە 19 ئۆلكە(بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نى تولۇق قاپلاش ئۇسۇلى بويىچە شىنجاڭدىكى 12 ۋىلايەت(ئوبلاست)تىكى 82 ناھىيە(شەھەر)ۋە بىڭتۈەندىكى 12 شىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. دۆلەت ئالاھىدە سىياسەتلەرنى چىقىرىپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى: 2015-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىق بېجىدا باھاغا قاراپ باج ئېلىشنى يولغا قويدى، باج نىسبىتى ٪6 قىلىپ بېكىتىلدى؛ شىنجاڭنى مۇھىم دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قىلىپ بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش ۋە ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى؛ شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق چەكلىمىسى، ئۇسۇلى، ئەۋەتىش ۋە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق سەككىز جەھەتتە كونكرېت بەلگىلىمە چىقاردى؛ «شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىق بار رايونلاردىكى تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىلىدىغان نۇقتىلىق كەسىپلەر، كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش مۇندەرىجىسى»(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)گە تەۋە كارخانىلارغا كارخانا تاپاۋەت بېجىدا «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۈچنى يېرىم ئازايتىش» سىياسىتىنى يولغا قويدى؛ قەشقەر، قۇرغاستىن ئىبارەت ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا ئون جەھەتتىن يۆلەش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ شىنجاڭدىكى 12 كەسىپكە پەرقلىق كەسىپ سىياسىتىنى يولغا قويدى.

  21

  2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن مالىيە تولۇقلىمىسى 1 تىرىللىيون 61 مىليارد 650 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 1955-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان 630 مىليارد 150 مىليون يۈەن تۈرلۈك مالىيە تولۇقلىمىسىدىن 1.68 ھەسسە ئاشتى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن مالىيە ياردىمى 53 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى 4906 گە يەتتى، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سەھىيە، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن بىر يۈرۈش خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاۋام «كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان» نەپلەرگە ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» قاتارلىق سەھەلەردىكى تەرەققىيات سەۋىيەسى زور دەرىجىدە يۈكسەلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تايىنىپ كىرگۈزۈلگەن تۈرلۈك ھەمكارلىق تۈرى 6482 گە يېتىپ، 827 مىليارد 700مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  2014-يىلى 5-ئايدا مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا ئالاھىدە مالىيە، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى قوللىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ رايونلار ئارا ماس تەرەققىياتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر