باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق تاشلىق كىتاب: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى(6)

2015.09.25 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىمان بولدى. 2010-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئۇدا ئالتە يىل «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى»دا 500دىن ئارتۇق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويدى. خەلق تۇرمۇشى چىقىمىنىڭ يىللىق ئاممىۋى مالىيە خامچوت چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪70تىن ئېشىپ، سەر مىللەت ئاممىسى ئەڭ كۆپ نەپ ئالغان، ماددى مەدەنىي تۇرمۇش سەۋىيەسى ئەڭ تېز ئۆسكەن مەزگىل بولدى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى داۋاملىق كېڭەيدى. 2014-يىلى شىنجاڭدىكى شەھەر-بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتى ٪3.2 بولدى. 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، شەھەر-بازارلاردا يەنە 2 مىليون 497 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، يىلىغا 500 مىڭ كىشى كۆپەيدى. 2010-يىلى شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس خادىملار ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەتچان تىزىملاش تۈزۈمى ئورناتقان بولۇپ، 2014-يىلىغىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى 29 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىن 26 مىڭنى ئازايتتى. 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن 303 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاچقا، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ھەم ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ٪88.6 ۋە ٪82.7كە يەتتى.2011-يىلى 5-ئايدا، 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆز ئىسىمى بىلەن تىزىملانغان، ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزۈپ تېخى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان 75 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ٪84.6نى ئىگىلەيدۇ.يېزىلاردا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانى 2009-يىلىدىكى 1 مىليون 660 مىڭ ئادەم قېتىمدىن 2014-يىلى 2 مىليون 850 مىڭ ئادەم قېتىمغا كۆپىيىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن مائاش خاراكتىرلىك كىرىم ۋە ئەمگەك كىرىمى جەمئىي 56 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە، يىللىق كىرىم 11 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى. 2014-يىلى شەھەر -بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 21 مىڭ 881 يۈەن بولدى. بۇ 1980-يىلىدىكىنىڭ 51.2 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، يىلىغا ٪12.3 كۆپىيىپ، 2009-يىلىدىكىدىن 9624 يۈەن ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 8114 يۈەن بولدى. بۇ 1980-يىلىدىكىنىڭ 40.4 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، يىلىغا ٪11.5 كۆپىيىپ، 2009-يىلىدىكىدىن 4231 يۈەن ئاشتى.شەھەر-بازار ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېنگېل كوئېففىسېنتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2009-يىلىدىكى ٪36.3 ۋە ٪41.5 تىن 2014-يىلى ٪31.3 ۋە ٪34.5كە چۈشتى.

  شەھەر-يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى داۋاملىق ياخشىلاندى. 2004-يىلى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، 2010-يىلىدىن بۇيان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ۋە شەھەر-بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى. 2014-يىلىغىچە 4 مىليون 800 مىڭ دېھقان -چارۋىچى ھەم شەھەر-بازارلاردىكى 2 مىليون 70 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك ئاھالە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ كۆلىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 85 كۇۋادرات مېتىر ۋە 105 كۇۋادرات مېتىرغا يەتتى.شەھەر-بازارلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ ٪100ى ھەم يېزىلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ ٪72ى پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولدى؛ شەھەر-بازارلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئومۇملىشىش نىسبىتى%96.3كە، پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىرتەرەپ قىلىش نىسبىتى ٪78.6كە، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش نىسبىتى ٪63كە يەتتى. شەھەر-بازارلارنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتى ٪34.9 بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغ-يېشىللىق كۆلىمى 10.7 كۇۋادرات مېتىرغا يەتتى. يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى كۆلەملىك تۈزەش تۈرى ۋە يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاچقا، 2 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى تەدرىجىي ھالدا پاكىز ھەم رەتلىك كەنت قىياپىتى ۋە مۇھىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان بولدى.

  مائارىپ ئىشلىرى داۋاملىق راۋاجلاندى. 2010-يىلىدىن بۇيان، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تېز تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى. يېقىنقى بەش يىلدا مائارىپ خىراجىتى 250 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، 2014-يىلىدىكى مائارىپ چىقىمىنىڭ GDP دا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ٪6.47كە يەتتى.پۈتۈن شىنجاڭدا 9230 مەكتەپ، 4 مىليون 734 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى، 338 مىڭ 200 كەسپىي ئوقۇتقۇچى بار.2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ 3 يىل بۇرۇن يەسلىگە كىرىش نىسبىتى ٪51تىن ٪72.4كە ئۆرلىدى؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى ٪74تىن ٪91كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى ٪67تىن ٪84كە؛ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ٪64تىن ٪79كە؛ ئالىي ماكتەپلەردە ئوقۇش ئومۇمىي نىسبىتى ٪22تىن ٪31كە ئۆسكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئالىي مەكتەپ ئومۇملىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدىن 176سى، 219 مىڭ 500 ئوقۇغۇچىسى بار.

  «قوش تىل» مائارىپى ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلدى.20 -ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تەدرىجىي ھالدا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، «قوش تىل» مائارىپىنى پۇختا قەدەم بىلەن پائال ئىلگىرى سۈردى. 2014-يىلى شىنجاڭدا يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان باسقۇچتا قوش تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى 2 مىليون 694 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ھەر خىل شەكىلدىكى قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلىنىش كۆلىمى ٪100كە يەتتى. 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئىككى يىلدا قوش تىل مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ٪59تىن ٪89كە ئۆرلىدى. ئەمەلىيەت «قوش تىل» مائارىپىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  مائارىپ كاپالەت مېخانىزىمى پەيدىن پەي مۇكەممەللەشتى. يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە يولغا قويۇلۇپ، شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش خىراجىتى كەچۈرۈم قىلىنىپ، مەجبۇرىي مائارىپنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇشى ئىشقا ئشۇرۇلدى. جەنۇبىي شىنقاڭدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەت، ئوبلاستتا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 36 ناھىيە ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قاپلايدىغان يېزا مەجبۇرىي مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى يولغا قويۇلدى. يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ،ياردەم بېرىش دائىرىسى ئۆز پۇلى بىلەن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغىچە كېڭەيتىلىپ،ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ باراۋەر تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  سەھىيە ئىشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى. 60 يىل تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە، سەھىيە بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئېشىپ، سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى داۋاملىق مۇكەممەللەشتى. 2010-يىلىدىن بۇيان، سەھىيە ئىشلىرى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى نىشانى قىلىنىپ، سېلىنما داۋاملىق كۆپەيتىلدى. 2014-يىلى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدىن 18 مىڭ 873ى قۇرۇلغان بولۇپ، سەھىيە تېنخىكا خادىمىدىن 153 مىڭ 417 سى بار؛ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ھەر مىڭ ئادەمگە 6.22 كارۋات، 2.38 دوختۇر(ياكى ياردەمچى دوختۇر)، 2.6 رويخگتكە ئېلىنغان سىستېرا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.ئېغىر، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە يەرلىك كېسەللىكلەر ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تۇيۇقىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرىنەرلىك ئۆستى. ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى. 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى مىڭدە 26.58 پىرسەنتتىن مىڭدە 21.65 پىرسەنتكە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 434 مىڭ 100 دىن 392 مىڭ 700گە، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 100 مىڭغا چۈشكەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مۆچەل ئۆمىرى 72.35 ياشقا يەتتى.

  7

  ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى تەدرىجى ئۆستى. شىنجاڭ 2011-يىلى شەھەر-يېزا بىر تۇتاش پىلانلانغان، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئالدى بىلەن ئورنىتىپ، ھەممە كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونىنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى ٪99.69كە يەتتى. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى ٪98.5كە يەتتى. ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمى كەسپىي خادىملارنى تولۇق قاپلىدى. 2014-يىلى تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 33 مىليون 480 مىڭ ئادەم\قېتىمغا يېتىپ، 2009-يىلىدىكىدىن 10 مىليون 730 مىڭ ئادەم \قېتىم ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ٪47كە يەتتى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى ٪90تىن ئېشىپ، سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلەر ئاساسەن سۇغۇرتىلاندى. كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سوممىسى ئۇدا 10 يىل ئۆستۈرۈلۈپ، ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش سوممىسى 2009-يىلىدىكى 1338 يۈەندىن 2014-يىلدىكى 2298 يۈەنگە يەتكۈزۈلدى، ئۆسۈش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىنات سەۋىيەسى ئۇدا تۆت يىل ئۆستۈرۈلدى، 2014-يىلى ھەر بىر كىشىنىڭ ئايدا ئالىدىغان ئوتتۇرىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى 761 يۈەنگە يەتتى. شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە مالىيەدىن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان ياردەم ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 2009-يىلدىكى 120 يۈەندىن 2014-يىلدىكى 330 يۈەنگە ئۆستى، بۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 10 يۈەن يۇقىرى.

  ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق تۇرمۇشنى پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىندى. تۇرمۇشنى پاناھلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى شەھەر-يېزىلارنى قاپلاپ، «سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلەرنى تولۇق سۇغۇرتىلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2009-يىلدىن 2014-يىلغىچە شەھەر-بازار ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ئايدا 176 يۈەن ۋە 68 يۈەندىن 329 يۈەن ۋە 129 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. ھەر خىل نەپىقە ئوبيېكىتلىرىغا ياردەم بېرىش سەۋىيىسى بىر ھەسسە ئۆستۈرۈلدى. يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلىك ئاھالىلەرنى بېقىش ئۆلچىمى مەركەزلىك بېقىلىدىغانلارنىڭ 3036 يۈەن، تارقاق بېقىلىدىغانلارنىڭ 2280 يۈەندىن مەركەزلىك بېقىلىدىغانلارنىڭ 6750 يۈەن، تارقاق بېقىلىدىغانلارنىڭ 4301 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. 2014-يىلى كۈتۈنۈش ئاپپاراتى 1726گە، كارىۋات 52 مىڭ 183گە يېتىپ، ھەر مىڭ ياشانغان كىشىگە 20.6 كارىۋات توغرا كەلدى. 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمان بولدى. پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى باققان يېتىم بالىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى 2009-يىلىدىكى ئايدا 360 يۈەندىن 2014-يىلى 900 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. يۆلەش-ئېچىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. 20 -ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى دۆلەت «يەتتە يىلدا 80 مىليون نامراتنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش پىلانى»نى يولغا قويدى، بۇ جەرياندا شىنجاڭ ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار 1 مىليون 320 مىڭ ئاھالىنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 2001-يىلدىن 2010-يىلغىچە شىنجاڭ 2 مىليون 840 مىڭ ئاھالىنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلىپ بېيىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. 2011-يىلدىن 2014-يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست (خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى)، چىگرا رايونلار، ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار تاغلىق رايونلار، رايون تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىشنى يولغا قويدى. تۆت يىل جەريانىدا، مالىيەدىن نامراتلارنى يۆلەشكە ئاجرىتىلغان مەخسۇس مەبلەغ 10 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يېتىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 12 مىڭى ئىجرا قىلىندى، ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار ئاھالىگە يۈزلەنگەن نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەربىيەلەش 775 مىڭ ئادەم\قېتىم قانات يايدۇرۇلدى، ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار 1902 كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش يولغا قويۇلدى ھەم 1 مىليون 390 مىڭ ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار نوپۇس ئازايتىلىپ، ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر