باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق تاشلىق كىتاب: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى(10)

2015.09.25 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەككىزىنچى، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولى جارى قىلدۇرۇلدى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى(تۆۋەندە «بىڭتۈەن» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) 1954-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەت يۈكلىگەن ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، كارخانا بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، دۆلەت پىلانى بويىچە ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان. بىڭتۈەن قاراشلىق بوز يەر ئۆزلەشتۈرش رايونى ئىچىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئىچكى قىسىمدىكى مەمۇرىي، ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ. 2014-يىلىغىچە بىڭتۈەنگە قاراشلىق 14 شى، 176 تۈەن بولۇپ، قاراشلىق رايون كۆلىمى 70 مىڭ 600 كۇۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي ئاھالىسى 2 مىليون 732 مىڭ 900 مىڭغا يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %11.9ىنى ئىگىلىدى.

  60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىر نەچچە ئەۋلاد بىڭتۈەنلىكلەر «ۋەتەننى سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»تەك بىڭتۈەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، چۆل-باياۋاننى ئېكولوگىيەلىك بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىش ئىشلىرىغا يول ئېچىپ، كۆلەملەشكەن يىرىك يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىپ، چوڭ زاۋۇت-كان، كارخانىلارنى قۇرۇپ، يېڭىچە شەھەر، بازارلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى.

  بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بىڭتۈەن ئىشنى دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇشتىن باشلاپ، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇپ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەشكە تايىنىپ توپلىغان قۇرۇلۇش مەبلىغى ۋە تۇرمۇش مەبلىغى بىلەن كان ئاچتى، زاۋۇت قۇردى، يول ياسىدى، سودا- تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى، ئىلىم-پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇردى. بىڭتۈەن قۇرغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۈەن-مەيدانلىرى ۋە قاراشلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تاپاۋىتى ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، قانۇن بويىچە يەرلىك ھۆكۈمەتكە باج تاپشۇردى ھەم يەرلىك ئۈچۈن بىر تۈركۈم قاتناش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ پۈتكۈزدى، زاۋۇت، كان، كارخانىلارنى ھەقسىز قۇرۇپ بەردى. شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، بىڭتۈەن يەنە قۇرۇلۇپ بولغان كۆلىمى زور بىر تۈركۈم سانائەت، قاتناش، قۇرۇلۇش، سودا كارخانىلىرىنى يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىڭتۈەن قۇرۇلغاندىن بۇيان ئارال شەھىرى، باش ئەگىم شەھىرى، تۇمشۇق شەھىرى، كۆكدالا شەھىرى، قوشئۆگۈز شەھىرى، ئوتۇنكوزا شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، بېيتۈن شەھىرى قاتارلىق سەككىز شەھەر ۋە جىنيۈنچۈەن بازىرى، ساۋخۇ بازىرى، ۋۇتۇڭ بازىرى، سەيجياخۇ بازىرى، بېيچۈەن بازىرى، شىخەنزە بازىرى قاتارلىق ئالتە ئىشتاتلىق بازار، زور بىر تۈركۈم يېڭىدىن گۈللەنگەن تۈەن، مەيدان، شەھەر، بازارلارنى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر-بازارلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رول ئوينىدى. بىڭتۈەن گۇرۇھلاشقان، كۈلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى قۇرغاق رايوندا ئۆزگىچە ماشىنىلاشقان، تۈجۈپىلەشكەن، كۆلەملەشكەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا سۇ تېجەپ سۇغىرىش، ماشىنىلىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق ئىشلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم سۈپەتلىك پاختا ۋە ئالاھىدە باغۋەنچىلىك بازىسىغا ئايلاندى.

  18

  2014-يىلى زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون 327 مىڭ 900 گېكتار بولۇپ، شىنجاڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %22.2ىنى ئىگىلىدى. پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 1 مىليون 636 مىڭ توننا بولۇپ، شىنجاڭ ۋە مەملىكەت پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ ئايرىم-ئايرىم %36.3ى ۋە %26.6ىنى ئىگىلەپ، پاختا بىرلىك ھوسۇلى، ماشىنىلىشىش نىسبىتى ۋە كىشى بېشى ئوتتۇرىچە مىقدارى جەھەتتە ئۇدا بىر نەچچە يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. تېجەشلىك سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى، پەمىدۇر مەھسۇلاتى ۋە پاختا يىپ ئېگىرىش ئۇرچۇقى قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە كۆلىمى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. 91 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى جۇڭگو ۋە شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىسى بولۇپ باھالاندى.

  بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. شىنجاڭدا بىڭتۈەنگە قاراشلىق شى، تۈەن-مەيدان ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىگە تارقالغان، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئايرىلماس گەۋدىگە ئايلانغان بولۇپ، بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن. بىڭتۈەن پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، 1959-يىلى «ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، خەلقنى سۆيۈپ ھەر مىللەت خەلقىگە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى 20 ماددىلىق تېزىس»نى بېكىتتى. 1984-يىلى بىڭتۈەننىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىڭتۈەن دائىرىسىدىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا يەرلىك بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلىش مېخانىزمى يولغا قويۇلدى. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئۆزئارا ئالاقە قىلىش جەريانىدا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى يىل بويى يەرلىكتىكى ئاممىغا يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىتىپ، يېڭى سورت بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلىدى؛ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى يىل بويى يەرلىكتىكى يېزا ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سەييارە داۋالاش -ساقلىقنى ساقلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە داۋالىدى؛ ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمىكى يىل بويى يەرلىك ئاممىدىن ھال سوراش ئويۇنى قويدى. بىڭتۈەن ئىشچى -خىزمەتچىلىرى ئۇزاق يىل يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشنا بولۇپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم قولىنى سۇندى. بىڭتۈەن ئۆزىنىڭ ئىشچى -خىزمەتچىلىرىنىلا ئەمەس، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىمۇ كۆپ تەرەپتىن ئىجتىمائىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ھەر مىللەت ئاممىنى بىڭتۈەندە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش، داۋالىنىش، ئوقۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزئارا ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە سىڭىشىشىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئاساسىنى بەرپا قىلدى. بىڭتۈەن مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ، ھەرمىللەت خەلق ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «كۆپ خىل مەدەنىيەت بىرگەۋدىلەشكەن» جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بىڭتۈەن مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرىنى مۇستەھكەملەشتە ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇردى. بىڭتۈەن ئىزچىل ھەربىي ئىشلار بىلەن خەلق ئىشلىرىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر قولىدا ھەربىي مەشىقنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، يەنە بىر قولىدا ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتتى. 58 چېگرا تۈەن-مەيدانىدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئىشچى -خىزمەتچى ۋەتەننىڭ 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لېنىيەسىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ئەھۋالدا، بىڭتۈەنگە قاراشلىق شى، تۈەن، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار جىددىي تاقابىل تۇرۇش خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشىغا زەربە بېرىش ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇردى.

  بىڭتۈەن بەرپا قىلىش، بىڭتۈەننى قوللاش ۋە بىڭتۈەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئىستېراتىگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە دۆلەت چېگرىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تاكتىكىسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، چېگرا قۇرۇلۇشى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، مەركەز يەرلىككە ياردەم بېرىش، ئىچكى ئۆلكىلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە ھەر مىللەت خەلق ئۆزئارا ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى. نەچچە ئون يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، بىڭتۈەن ئورۇنلاشقان شەھەر ۋە تۈەن-مەيدانلار ئورۇنلاشقان بازارلار قەدەممۇ -قەدەم تەرەققىي قىلىپ، رايوننىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە، ئاھالە، مەبلەغ، سانائەت، ئىختىساسلىقلار، مائارىپ، داۋالاش-ساقلىقىنى ساقلاش ۋە سەھىيە قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرى توپلانغان جايغا ئايلاندى. بىڭتۈەن ئىزچىل دۆلەت مەنپەئەتى بىڭتۈەننىڭ مەنپەئەتى، شىنجاڭ ۋەزىيىتى بىڭتۈەننىڭ ۋەزىيىتى دېگەن ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىشتىكى مۇھىم كۈچ، ئىزچىل ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى.

  19

  بىڭتۈەن يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى باش نىشانىنى چۆرىدەپ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالاقىسىغا تۈرتكە بولۇش، رايونلارنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىپ، «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر