باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق تاشلىق كىتاب: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى(4)

2015.09.25 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككىنچى، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرۇلدى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان ئىناق يېڭى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى.

  مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلدى. جۇڭگودا مىللەتلەرنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئاز-كۆپ، تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئوخشاش ھوقۇقتىن قانۇن بويىچە بەھىرلىنىپ، ئوخشاش مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن پۇقرالارنىڭ شەخسىي باراۋەرلىكى قاتارلىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر باراۋەر قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار ئاتا قىلغان سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش، دىنىي ئېتىقادتا ئەركىن بولۇش، تەربىيەلىنىش، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولدى. ئاپتونوم رايون تارىختىن قالغان مىللەتلەر ئارازلىقىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى مىللىي ئېزىش ۋە كەمسىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارنى چەكلىدى. ھەر دەرىجىلىك ئاپتونومىيەلىك جايلار ئۆز رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش بىلەن بىللە، يەنە دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان.

  3-------

  ئۆز مىللىتى، ئۆز رايونىنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆپ مىللەت تەڭ ئولتۇراقلاشقان ئاپتونومىيەلىك جاي، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە بىردىن بىر ئۈچ دەرىجىلىك ئاپتونومىيەلىك جاي(ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە) تولۇق بولغان ئاپتونوم رايون. ئاپتونوم رايون ئىچىدە بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە ۋە 42 مىللىي يېزا تەسىس قىلىنغان. ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ھەرمىللەت خەلق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىرلىكتە سايلاپ چىقىپ، ئاپتونومىيە ئورگىنى تەشكىللەپ، ئۆز رايونىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەش ۋە كادىرلارنى سەپلەشتە، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر قاتنىشىش، ئورتاق باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى. 2014-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى 550 بولۇپ، 14 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل ٪66 نى ئىگىلەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئىنېت يۇقىرى بولدى. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ توققۇز مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرى ئىچىدە ئالتە ئاز سانلىق مىللەت بار. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىمىلىق ۋەزىپىسىنى تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقراسى ئۈستىگە ئالغان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋىلايەتنىڭ ۋالىيسى، شۇنىڭدەك شەھەر باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۈستىگە ئالغان. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر يەنە دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولدى. 2014-يىلى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىلى 60، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت ۋەكىل 38 بولۇپ، ٪63.33نى ئىگىلىدى. يەنە بىر تۈركۈم ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار يەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزاملارنى تۈزۈشكە، قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملارغا جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ بەلگىلىمىلەر ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش، ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. شىنجاڭ كۆپ خىل تىل-يېزىق ئىشلىتىلىدىغان رايون، ئاساسلىقى ئون خىل تىل ئىشلىتىلىدۇ. ئاپتونوم رايون «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى نىزامى نى ئېلان قىلدى، ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقى ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق ساھەلەر ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئىجرا قىلىش، تۈرلۈك ئاپپاراتلار خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىمتىھانى ئالغاندا، يەرلىكتە ئورتاق قوللىنىدىغان بىر خىل تىل ياكى بىرقانچە خىل تىل -يېزىقنى ئىشلىتىدۇ. ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر جەمئىي يەتتە خىل تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ، رادىيو، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى بەش خىل تىلدا ئاڭلىتىلىدۇ ۋە كۆرسىتىلىدۇ، كىتاب، ئۈن-سىن ۋە ئېلېكترونلۇق نەشىر بۇيۇملىرى ئالتە خىل تىل-يېزىقتا نەشىر قىلىنىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى»غا ئاساسەن، پۇتوڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقى دۆلەتنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىل ۋە يېزىقى. ئاپتونوم رايون ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل ۋە يېزىقىنى ئۆگىنىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىدۇ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئورتاق تىل-يېزىقتا ئوقۇتۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئاپتونوم رايون 2010-يىلىدىن باشلاپ يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى بىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلدى ھەم «قوش تىل» بىلەن تەربىيىلىنىش پۇرسىتى ۋە شارائىتى يارىتىپ بەردى.

  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى. ئاپتونوم رايون 2014-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى»نى تۈزۈپ، مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بار مىللەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشىنى بەلگىلىدى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشكە مەدەت بەردى ۋە كاپالەتلىك قىلدى. يەرگە دەپنە قىلىش ئادىتى بار ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاپتونوم رايون كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشنى يولغا قويمىدى ھەم مەخسۇس يەر ئاجرىتىش، قەبرىستانلىق ياساش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كاپالەتلىك قىلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ بايراملىرى شىنجاڭدا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى. ئاپتونوم رايون ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلىدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش-تۇرۇش، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرى، قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ئىلمىي، مەدەنىي، ساغلام بولغان يېڭى ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەشەببۇس قىلدى.

  ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى تاللاندى، تەربىيىلەندى ۋە ئىشلىتىلدى. ئاپتونوم رايون تەربىيىلەش، ئۆگىنىش، ئاساسىي قاتلامدا چېنىقتۇرۇش، باشقا جايغا ئەۋەتىش، ئىش ئورنىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەت مەمۇرىي ۋە كەسپ-تېخنىكا كادىرلىرىنى تەربىيىلىدى. 1955-يىلى شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى 46 مىڭ بولۇپ، 2014-يىلى 417 مىڭغا يېتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ ٪51.4ىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايون رەھبىرىي كادىرلارنى ئاشكارا تاللاش، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە شەرتنى مۇۋاپىق قويۇۋەتتى، نىسبەتنى بېكىتىش، نىشانلىق ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش، مۇۋاپىق نومۇر قوشۇش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق، بەلگىلىك ساندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەمۇرلار قوشۇنىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز سانلىق مىللەت مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى ٪29.9تىن ٪48.3كە ئۆرلىدى. ئاز سانلىق مىللەت كەسپ-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەش ئالاھىدە قوللاشقا ئېرىشتى. دۆلەت 1992-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، تەربىيىلەش، بىلىم ئاشۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، چېنىقتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللاندى. 2014-يىلىغىچە شىنجاڭغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان 3917 ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام ئاز سانلىق مىللەت كەسپ-تېخنىكا ئىختىساسلىقى تەربىيىلەندى. ئاپتونوم رايون 2000-يىلىدىن باشلاپ «ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانى پەن تەتقىقات مەخسۇس مەبلىغى»نى تەسىس قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىنى قوللىدى. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كەسپ-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1985-يىلىدىكى 124 مىڭ 300دىن 2014-يىلىدىكى 294 مىڭ 400گە يېتىپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪34.43تىن ٪58.37كە يەتتى، ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە ئاز سانلىق مىللەت كەسپ-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆزىلا 211 مىڭ كىشىگە يەتتى.

  مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. 1955-يىلى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 5 مىليون 117 مىڭ 800 بولۇپ، 2014-يىلى 23 مىليون 225 مىڭ 400گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر 14 مىليون 630 مىڭ 400 بولۇپ، ئومۇمىي ئاھالىنىڭ ٪63ىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايون كۆپ خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇردى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان تۈرلۈك مەكتەپلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر بىلىملىرى دەرسلىكىنى تەسىس قىلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى بوشاشماي قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايون 1983-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش شەرەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش نومۇس دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر گوۋۇيۈەن، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئاپتونوم رايوندىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك تەقدىرلەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى ئورۇن 1304 (قېتىم)كە، نەمۇنىچى شەخس 2272 ئادەم(قېتىم)گە يەتتى. 1983-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5-ئايدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات-تەربىيەسى مەركەزلىك ئېلىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايون 2009-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەت ئاممىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغدىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى بەرپا قىلىش، تەقدىرلەشنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە پائال يېتەكلىدى؛ ھەر مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر مەكتەپتە ئوقۇشى، بىر سىنىپتا دەرس ئاڭلىشىنى تەشەببۇس قىلدى. «خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆز ئارا ئايرىلالماسلىق» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئىدىيە كاپالىتىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ يۆتكىلىشى تېخىمۇ كۆپەيدى، ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىش، تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولدى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇشى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتى. بىرلىكتە خىزمەت قىلىش، ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، شۇنىڭدەك بىر مەھەللىدە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، ئوخشاشمىغان مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقى كۈچەيدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر