باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق تاشلىق كىتاب: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى(9)

2015.09.25 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەتتىنچى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى

  شىنجاڭ تارىختىن بۇيان كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. ھازىر شىنجاڭدا ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستيان دىنى، كاتولىك دىنى، تەرىقەت دىنى قاتارلىقلار بار.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭدا دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تارىختا ئوخشىمىغان دىنلار ئارا، ئوخشاش بىر دىننىڭ ئوخشىمىغان مەزھەپلىرى ئارا نۇرغۇن توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قاراخانىيلار خانلىقى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇدۇن خانلىقىغا قارشى 40 نەچچە يىل دىنىي ئۇرۇش قوزغىغان. بۇ ئۇرۇش جەنۇبى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن، بۇددىستلار ئامالسىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، بۇنىڭ بىلەن بۇددا دىنى مەدەنىيىتى تېخىمۇ ۋەيران بولۇش گىرادبىغا بېرىپ قالغان. مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئىسلام دىنى ئىچىدىن قارا تاغلىقلار ۋە ئاق تاغلىقلار دەپ بۆلۈنگەن، ئىككى ئېقىمدىكىلەر نەچچە يۈز يىل كەسكىن توقۇنۇشقان، مۇسۇلمانلار بۇ ئىككى ئېقىمنىڭ كۈرىشىدە ئامالسىز بىر تەرەپنى تاللاپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى يوقاتقان.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، دىن تۈزۈمىنىڭ دېمۇكراتىك ئىسلاھاتى ۋە دىن ئىشلىرىنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى ھەر خىل دىننىڭ ئىناق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئېتىقادچى ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئامما ۋە ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر بىرىنى چۈشىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى دىنلار ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ يېڭى تارىخىي باسقۇچىنى كۈتۈۋېلىپ، ھەر مىللەت خەلق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا ھەقىقىي ئېرىشتى.

  دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارغا بېرىلگەن ئاساسىي ھوقۇق. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»دا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار» دەپ بەلگىلەنگەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»دا ئېنىق قىلىپ: «مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ»، «ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا بولمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرلارنى كەمستىشىگە بولمايدۇ»، «دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. 2004-يىلى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «دىن ئىشلىرى نىزامى»دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: «پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار»، «دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ».

  15

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلدى، پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلسا ياكى قىلمىسا قانۇن ئالدىدا بىردەك باراۋەر، چوقۇم ھەممىسى بىردەك ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلار قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلسا ئوخشاشلا قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى سىياسىتى شىنجاڭدا ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر مىللەت ئامما دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ھوقۇقىدىن تولۇق بەھىرلىنىپ كەلدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى ئېتىقاد قىلماسلىق، ئىلگىرى دىنغا ئېتىقاد قىلىپ ھازىر ئېتىقاد قىلماسلىق، ئىلگىرى دىنغا ئېتىقاد قىلماي ھازىر ئېتىقاد قىلىش، قايسى خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى بىر دىندىكى ئوخشىمىغان مەزھەپلەرگە ئېتىقاد قىلىشنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى. ئېتىقادچى ئامما دىنىي پائالىيەت سورۇنىدا ۋە دىن ئادىتى بويىچە ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن نورمال دىنىي پائالىيەتلەر قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ، ھەرقانداق ئورگان، كوللېكتىپ ۋە شەخسنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  ھازىر شىنجاڭدا مەسچىت، چېركاۋ، ئىبادەتخانا قاتارلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنىدىن 24 مىڭ 800ى، دىن ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىسىدىن 29 مىڭ 300ى بولۇپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت تەلىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن قامدىدى. ھازىر 112 دىنىي كوللېكتىپ، سەككىز دىنىي مەكتەپ بار. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشكە ۋەكىل ۋە ئەزا بولۇۋاتقان دىنىي ساھە ۋەكىللىرى 1436 كىشى بولۇپ، ئۇلار ئېتىقادچى ئاممىغا ۋاكالىتەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ ھەم ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نازارەت قىلىۋاتىدۇ. دىنىي كوللېكتىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە.

  شىنجاڭدا ھازىر ئون مىللەتتىن بولغان كۆپىنچە پۇقرا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، شىنجاڭدا 24 مىڭ 400 مەسچىت، 28 مىڭ 600 دىن ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىسى بار. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان مەركىزىي ھۆكۈمەت 10 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى بولغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى، خوتەن جامەسى، ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتى، تۇرپان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم جايلارنى رېمونت قىلدى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتوتى 1987-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان 634 ئوقۇغۇچى تەربىيەلىدى. 2001-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپى 132 قارار تەربىيەلەش كۇرسى تەسىس قىلىپ، دىن ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 28 مىڭ 665 ئادەم \قېتىم تەربىيەلىدى. يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلام دىنى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، 2001-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 70 كىشىنى مىسىر، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىدىغان ئۇسۇلى بويىچە پىلانلىق، تەشكىللىك ھەج قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 2010-يىلىغا قەدەر شىنجاڭدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەشكىللىك ھەجگە بارغانلار 15 مىڭدىن ئاشتى.

  16

  ئېتىقادچى ئاممىنىڭ نورمان دىنىي ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون دىن خىزمىتىنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دىني ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دىنىي بىلىملەرنى ئىگىلىشىدىكى قانۇنلۇق يوللارنى ئۈزلۈكسىز، پائال، مۇقىم كېڭەيتىپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ مۇۋاپىق دىنىي ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇردى. 2014-يىلىغىچە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە، قىرغىزچە قاتارلىق يېزىقتىكى «قۇرئان كەرىم»، «سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى»، «ۋەزدىن تاللانمىلار» قاتارلىق مۇقەددەس دىنىي كىتابلار، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە نۇسخىدىكى «يېڭى تۈزۈلگەن ۋەز توپلىمى» يۈرۈشلۈك كىتابلىرى ۋە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىدىن جەمئىي 1 مىليون 760 مىڭ نۇسخا تارقىتىلدى. 2013-يىلى يېڭى نۇسخىدىكى ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» نەشىر قىلىنىپ، 230 مىڭ نۇسخا تارقىتىلدى. 2014-يىلىغىچە شىنجاڭدا تارقىتىلغان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك نەشىر بويۇملىرى 20 نەچچە خىلغا يېتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سۈرە-ئايەتلەرنى ئۆگىنىش ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئىگىلەش ئارزۇسى ئاساسەن قاندۇرۇلدى.

  دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇن بويىچە كۈچەيتىلدى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون «قانۇنلۇقنى قوغداش، قانۇنسىزنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» تۈپ پىرىنسىپىغا ئاساسەن، قانۇن-نىزاملار بويىچە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون 2014-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»نىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ نىزامدا ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسەت يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىننىڭ چوقۇم قانۇن-نىزام دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشى، دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئەتى، جامائەت مەنپەئەتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

  دىن ئەسەبىيلىكى قانۇن بويىچە قەتئىي چەكلەندى. دىن ئەسەبىيلىكى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىپ، «يات دىن» ۋە «يات دىندىكىلەر»گە بولغان ئۆچمەنلىكنى قوزغاپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى دىنلار ئىناق ئۆتىدىغان تارىخىي ئەنئەنە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى؛ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنىنى ئىنكار قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىناقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى. دىن ئەسەبىيلىكى ئىسلام دىنى ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ۋە ئۇنى بۇرمىلاپ، «غازات قىلىپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەننى بۇرمىلىغان ناتوغرا، بىدئەت سۆزلەر ئارقىلىق مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئازدۇرۇپ ۋە ئالداپ، بەزى كىشىلەرنى ئەسەبىيلەر ۋە تېررورچىلارغا ئايلاندۇرۇپ، پات-پات زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىسلام دىنىي زاتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈردى. نۇرغۇن پاكىت دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، دىنىي ئىناقلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان رېئال خەۋپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  17

  دىن ئەسەبىيلىكىنى قانۇن بويىچە چەكلەش دۆلەت ۋە خەلق، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ھەققانىي تەدبىر، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىن ئەسەبىيلىكىگە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئاپتونوم رايون دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى قوغداپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ سىڭىپ كىرىپ يامراش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك چەكلىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر