باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق تاشلىق كىتاب: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى(8)

2015.09.25 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتىنچى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق قانۇن بويىچە قوغدالدى

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي جازالاپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  خاسلىققا ئىگە يەرلىك نىزام تۈزۈش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. ئاپتونوم رايوندىكى يەرلىك نىزام تۈزۈش ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، ئادەتتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى رايوننىڭ نىزام تۈزۈش ھوقۇقىغا شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاپتونومىيە نىزامى، ئايرىم نىزاملارنى تۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە. 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى رايون خاسلىقىغا ئىگە يەرلىك نىزامدىن 150 تىن ئارتۇقراقنى تۈزۈپ، نىزام خاراكتېرلىك قارار، بەلگىلىمىلەردىن 30 نەچچىنى چىقاردى، ئاپتونوم ئوبلاستلار ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى تەستىقلاشقا يوللىغان ئايرىم نىزام ۋە يەرلىك نىزامدىن 98نى تەستىقلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 320 دىن ئارتۇق قائىدە-نىزام تۈزدى. نىزام تۈزۈش مەزمۇنى سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ، دىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلدى. بۇ يەرلىك نىزام، قائىدىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قانۇنىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈردى.

  قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتنى باشقۇرۇش شەكلىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، مەمۇرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇردى. مۇلازىمەت ۋەدىسى، بىر قېتىمدا ئۇقتۇرۇش، مۆھلەت بەلگىلەپ بېجىرىش قاتارلىق تۈرلۈك مەمۇرى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تەدىرىجى تۈزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلدى، تەڭشىدى ۋە بېسىمىنى يېنىكلەتتى. باھالاش، تەكشۈرۈش تۈزۈمى، مۇھىم قارارلاردا ئۆمۈر بويى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى قايتا تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويدى. قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قانۇنسىز ۋە نامۇۋاپىق ئابىستراكىت مەمۇرىي قىلمىشلارنى ۋاقتىدا تۈزەتتى.

  12

  مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ، مەمۇرىي تالاش- تارتىشنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ھالقىلىق نۇقتىلاردىكى پاكلىق خەۋپىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى، جەمئىيەت ۋە ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ خەلق ھۆكۈمىتى شۇنداقلا قانۇن ئىجراسى تارماقلىرىغا بولغان نازارەتچىلىكىنى زورايتتى. ئاممىنىڭ مەنپەئەت دەۋا تەلىپى مېخانىزمى ۋە ھوقۇق- مەنپەئەت كاپالىتى مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مەمۇرىي ئەرز دېلولىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنتىزامغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش مېخانىزمى، تۈرلۈك ئاشكارە ئىش بېجىرىش تۈزۈمى ۋە ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورناتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.

  قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى مۇقىم ئاشتى. ج خ، تەپتىش، سوت مەھكىمىلرى ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ئۆز ئارا چەكلەپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چەكلىمىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. ج خ ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداپ، جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە زەربە بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. تەپتىش ئورگانلىرى تەپتىش قىلىش فونكىسىيىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا چېقىلىش قاتارلىق خىزمەت ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنىي نازارەتچىلىك فونكىسىيىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى ئۆزلىكىدىن قوبۇل قىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردى. خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سوت نازارەتچىلىكى فونكىسىيىسىنى كۈچەيتتى، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 مىڭ ئەتراپىدا تۈرلۈك دېلو بېجىردى، شۇنداقلا ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمى، قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئىجرا خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۈنۈمى ۋە قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى مۇقىم ئاشۇردى. 2014-يىلى شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىملىرىنىڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولۇپ دەۋا قىلماسلىق نىسبىتى ٪86.85 كە يەتتى، جۇڭگو كېسىم ھۆججىتى ئالاقە تورىدا 34 مىڭ 378 پارچە كېسىم ھۆججىتى، 47 مىڭ 580 ئىجرا قىلىنغان دېلو ئېلان قىلىندى.قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمىتى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 2014-يىلىغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ سوت سېستىمىسىدا جەمئى 9656 خىزمەتچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىدىن 4192 سى بار؛ تەپتىش سېستىمىسىدا جەمئىي 5994 خىزمەتچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىدىن 2293ى بار. ج خ ئورگانلىرى ساقچى كۈچى بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز بىرلەشتۈرۈپ، قوشۇننىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيىسى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئاشۇردى. قانۇن يۈرگۈزۈش مەمۇرىي ئورگانلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام 1-سېپىنىڭ كۈچىنى تولۇقلىدى، ساقچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. قانۇن مۇلازىمەت قوشۇنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئاشۇردى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايوندا تۈرلۈك قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى 1503 گە، تۈرلۈك قانۇن مۇلازىمىتى خادىملىرى 8206 كىشىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئادوۋكاتلىق ئىش ئورنى 435، ئادوۋكات 4092 كىشى؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنى 125، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى 435 كىشى؛ ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەتخانىسى 738، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىسى 2601 كىشى؛ ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى 93، ئەدلىيەلىك باھالىغۇچى 813 كىشى؛ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى 112، قانۇن ياردىمى خىزمەتچىسى 265 كىشى.

  13

  قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات-تەربىيەسى سىجىل قانات يايدۇرۇلدى. 1985-يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇدا ئالتە قېتىم بەش يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويدى. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە تويلىشىش قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چۆرىدەپ، «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشقا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش» تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات-تەربىيەسىنىڭ شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات-تەربىيە سالمىقىنى كۈچەيتتى. «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ» تور بېكىتى غەربىي شىمال رايونىدا تۇنجى چوڭ تىپتىكى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تور بېكىتىگە ئايلىنىپ، «قانۇن سىز بىلەن بىللە»، «قانۇن ئىدارە قىلىش لېنىيىسى» رادىيو پروگراممىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق، ئالاھىدە تەسىر كۈچكە ئىگە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات پروگراممىسى ۋە ئىستونى بارلىققا كەلدى. قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئورگان، يېزا، كەنت، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، ئىدارىگە ئېلىپ كىرىشنى چۆرىدەپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2011- يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات-تەربىيەسى نىزامى» ئېلان قىلىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات-تەربىيەسى خىزمىتى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىندى. 2014-يىلغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 60 كەنت «مەملىكەت بويىچە دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» دېگەن نامغا، ئىككى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە 21 ناھىيە(شەھەر، رايون) «مەملىكەت بويىچە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق جازا بېرىلدى. 20-ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان چىگرا ئىچى، سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»(مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان، تېررورچىلار) پارتىلىتىش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، زەھەر سېلىش، ئوت قويۇش، ھوجۇم قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ھەم توپىلاڭ كۆتۈرۈش قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 2009- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل» ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى دېلوسىدا 197 كىشى قازا قىلدى، 1700دىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى، مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە مال-مۈلۈك زىيىنى بولدى. 2014- يىلى قەشقەر يەكەندە «28-ئىيۇل» ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بېرىپ، 37 بىگۇناھ پۇقرا قازا قىلدى، 13 كىشى يارىلاندى، 31 ئاپتوموبىل پاچاقلىنىپ تاشلاندى. زوراۋان، تېررورچىلارنىڭ قانلىق جىنايىتى ئۇلارنىڭ قانداقتۇر «مىللەت»، «دىن» مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلى بولماستىن، بەلكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزدىغان ئېغىر رېئال بالايىئاپەت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، جىنايەتچىلەرنى جەزمەن جازالاش پرىنسىپىغا ئاساسەن، جىنايى ئىشلار جىنايىتى بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، ھەر قانداق مەسىلىنى ئۆز يولىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغدىدى. ج خ ئورگانلىرى وراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىدىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىنى ئالدىن پىلانلاش باسقۇچىدا تارمار قىلدى؛ خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش فۇنكىسىيىسىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، تەھقىقلەش، سوت قىلىش پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش فۇنكىسىيىسىنى قاتتىق يۈرگۈزدى؛ خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارنىڭ تۈرلۈك دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا، زوراۋانلىق، تېررورلىق جىنايىتىنىڭ باش جىنايەتچىسى، جىنايى قىلمىشى ئېغىر كىشىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇردى، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى ئەھۋالغا قاراپ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلدى.

  مەملىكەتلىك «زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش» مەخسۇس ھەرىكىتىدە، ئاپتونوم رايون بىر تۈركۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنى يۇقاتتى، بىر تۈركۈم قېچىپ يۈرۈۋاتقانلار سىياسەتنىڭ دەۋىتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەسىھىتى ئارقىسىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتى بەلگىلىك دەرىجىدە تىزگىنلەندى.

  14

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر