باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق تاشلىق كىتاب: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى(7)

2015.09.25 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەشىنچى، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن باراۋەر بەھىرلىنىشىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈردى.

  جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. 1955-يىلى ئاپتونوم رايوندا بىر جامائەت كۈتۈبخانىسى ۋە 36 مەدەنىيەت سارىيى بار ئىدى. 1978-يىلى بىر مۇزېي قۇرۇلدى. 2007-يىلى دۆلەت ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى» ۋە «دېھقانلار كۈتۈبخانىسى قۇرۇلۇشى» نى قوللىدى. 2008-يىلى ۋە 2012-يىلى ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان رادىئو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنت ۋە ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى كەينى-كەينىدىن باشلاندى. 2014-يىلىغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر بىر مەمۇرىي كەنتىدە دېھقانلار قىرائەتخانىسى قۇرۇلدى. 2010-يىلىدىن بۇيان دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت سارىيى، كۈتۈبخانىنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى»، «مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى بايلىقىدىن ئورتاق بەھىرلىنىش قۇرۇلۇشى»، «يېزا، بازار ئۇنىۋېرسال پونكىت قۇرۇلۇشى»، «رادىئو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنت ۋە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» قاتارلىق بىر قاتار ئاساسىي مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. 2014-يىلىغىچە 117 مەدەنىيەت سارىيى، 107 جامائەت كۈتۈبخانىسى، 82 مۇزېي (خاتىرە سارىيى) ۋە 1147 مەدەنىيەت پونكىتى قۇرۇلدى، 3 مىليون 460 مىڭ ئائىلە رادىئو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنت ۋە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن بەھىرلىنىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا تۆت دەرىجىلىك جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسەن بەرپا قىلىندى.

  مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. ئاپتونوم رايوندا ھازىر مەملىكەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 13ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 550ى بولۇپ، 128 مىڭ 894 مەدەنىيەت يادىكارلىقى ساقلىنىۋاتىدۇ. «يىپەك يولى: چاڭئەن-تەڭرىتاغ كارىدورىنىڭ يول تورى» تۈرى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، بېشبالىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى، قىزىلقاغا تۇراسى، قىزىل مىڭئۆي، سۇباش ئىبادەتخانىسى خارابىسى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۇنيا مەدەنىي مىراسلىرىغا ئايلاندى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 11 مىڭ 194 قىسىم(پارچە) قەدىمىي كىتابى توپلىنىپ تىزىملىنىپ، 140 خىلى رەتلىنىپ نەشىر قىلىندى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 66 بۆلۈم كىلاسسىك كىتابى «دۆلەتنىڭ قىممەتلىك كىلاسسىك كىتاب تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان چوڭ ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە،خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. 2009-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى قوغداش قۇرۇلۇشى − قەشقەر شەھىرى كونىشەھەر رايونىنىڭ خەتەرلىك، كونا ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى. 2014-يىلىغىچە بۇ تۈرگە جەمئىي 3 مىليارد يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، 31 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ خەتەرلىك، كونا ئۆيى ئۆزگەرتىلدى. ئاپتونوم رايوندا ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، ماناس، مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ تۈر ب د ت پەن-مائارىپ-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈر تىزىملىكى» ۋە «جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى؛ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈر تىزىملىكىگە 127 تۈر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈر تىزىملىكىگە 293 تۈر كىرگۈزۈلدى؛ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسىدىن 64ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسىدىن 459ى بار. 2010-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، بۇ، ئېلىمىزدىكى ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى قوغداشتىكى تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك يەرلىك يەككە نىزام ھېسابلىنىدۇ.

  9

  ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق داستانلىرىدىن 700 بۆلۈمدىن كۆپ توپلاندى. موڭغۇللارنىڭ «جاڭغىر» داستانى، قازاقلارنىڭ ئاقىنلار ئېيتىشى، خۇيزۇلارنىڭ خۇار ناخشىسى، تاجىكلارنىڭ بۈركۈت ئۇسۇلى، شىبەلەرنىڭ غەربكە كۆچۈش بايرىمى قاتارلىق بىر تۈركۈم مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت گۆھەرلىرى پائال قوغدالدى.

  ئەدەبىيات -سەنئەت ئىشلىرى گۈللەپ راۋاجلاندى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ خەلق ئەدەبىياتى، كلاسسىك ئەدەبىياتى توپلاندى، رەتلەندى، تەرجىمە قىلىندى، نەشر قىلىندى ۋە تەتقىق قىلىندى، ھەر مىللەت يازغۇچى، شائىر، تەرجىمان، دراماتورگ، سەنئەتچىلەر ۋە ئەدەبىيات ئوبزورچىلىرى تېز يېتىشىپ، كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەت، ئورۇنداش ۋە تەتقىق قىلىش قوشۇنى تەدرىجىي شەكىللەندى. سېرك ئويۇنى «ياخشىمۇسىز ئەپەندىم»، دىراما «چوڭ بازار»، ئوپېرا «غېرىپ-سەنەم»، مۇزىكىلىق دراما «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئىللىقلىق تەڭرىتاغ»، مۇزىكىلىق ئۇسسۇل «مۇقام باھارى» قاتارلىق ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجاد قىلىندى. بىر تۈركۈم ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى دۆلەت «بەش بىر قۇرۇلۇشى مۇكاپاتى»، «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكى ئالتۇن مۇكاپاتى»، «دۆلەت سەھنە سەنئىتى ئېسىل نومۇرلار قۇرۇلۇشى»، «ۋېنخۇا مۇكاپاتى»، «نىلۇپەر مۇكاپاتى»، «جۇڭگو سېرىكچىلىكى جىنجۈ مۇكاپاتى»، «تۇلپار مۇكاپاتى»، «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

  ئاخبارات-نەشرىيات ئىشلىرى مۇقىم راۋاجلاندى. 2014-يىلى ئاشكارا تارقىتىلغان گېزىت 111 خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى گېزىت 51 خىلغا يەتتى؛ ئاشكارا تارقىتىلغان ژۇرنال 119 خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى ژۇرنال 116 خىلغا، چەت ئەل يېزىقىدىكى ژورنال ئۈچ خىلغا يەتتى. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتا نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ گېزىتى» جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ يېزىقتا چىقىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگان گېزىتىدۇر. «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ئوتتۇرا ئاسىيادا نەشر قىلىندى. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»(ئۇيغۇرچە نەشرى) جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا چىقىدىغان تۇنجى كەچلىك گېزىت. «قىزىلسۇ گېزىتى»(قىرغىزچە نەشرى) جۇڭگودىكى بىردىنبىر قىرغىز يېزىقىدا چىقىدىغان گېزىت، «چاپچال گېزىتى» دۇنيادىكى بىردىن بىر شىبە يېزىقىدا چىقىدىغان گېزىت. شىنجاڭدىكى 13 نەشرىيات ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە، شىبەچە ئالتە خىل تىل-يېزىقنى قوللىنىپ كىتاب، ئۇن-سىن بويۇملىرى ۋە ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمى نەشر قىلدى. 2010-يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ مەجمۇئەسى»، «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە مىللىيچە، خەنزۇچە ئۆزئارا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى»، ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە «جۇڭگو قامۇسى» قاتارلىق چوڭ نەشر تۈرلىرىنى يولغا قويدى. بىر تۈركۈم ئېسىل نەشر بويۇملىرى «بەش بىر قۇرۇلۇشى مۇكاپاتى»، جۇڭگو نەشىر ئەپكارلىرى ھۆكۈمەت مۇكاپاتى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

  10

  رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە ئىشلىرى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى. 2014-يىلى شىنجاڭدا بەش رادىيو ئىستانسىسى، سەككىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، 92 رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، 66 ئوتتۇرا ۋە قىسقا دۇلقۇنلۇق رادىيو تارقىتىش ئىستانسىسى ۋە ئۇلاپ تارقىتىش ئىستانسىسى بار. رادىيو، تېلېۋىزىيەنىڭ قاپلاش نىسبىتى ٪96.48 ۋە ٪96.94 كە يەتتى. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، مۇڭغۇلچە، قىرغىزچە بەش خىل تىلدىكى 12 يۈرۈش رادىيو پروگراممىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە تۆت خىل تىلدىكى 12 يۈرۈش تېلېۋىزىيە پروگراممىسى بار. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ پىروگىراممىلىرى «شىنجاڭ ئاخبارات لېنىيەسى تورى» ۋە «خەلقئارا لېنىيە» تور بېكىتى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ رادىيو، تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، مۇڭغۇلىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەملىكەت بويىچە قويۇلىدىغان پىروگىراممىسى، تىل تۈرى ئەڭ كۆپ ئۆلكە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولۇپ، سېگنالى ئاپتونوم رايون، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى قاپلىدى. يېقىنقى بەش يىلدا، شىنجاڭدا يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 5500 قىسىم ئەتراپىدىكى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى «بەش بىر قۇرۇلۇشى مۇكاپاتى»، «جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى»، «خۇابياۋ مۇكاپاتى» قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

  يېڭى تاراتقۇلار تېز راۋاجلاندى. ھازىر شىنجاڭدا رويخەتكە ئېلىنغان تور بېكەتلىرى 17 مىڭغا يېقىن بولۇپ، تور ئەھلى 11 مىليون 400 مىڭدىن ئېشىپ، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ٪50كە يېقىنلاشتى. 2014-يىلى ئاپتونوم رايون «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار ئاۋام سۇپىسىنى ئاچتى، بۇ، مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ۋە نەچچە ئون دۆلەت، رايوننى قاپلاپ، شىنجاڭنىڭ ساداسىنى تارقىتىش، شىنجاڭنىڭ قارالمىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى مۇھىم جامائەت سۇپىسىغا ئايلاندى. مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت ئۈندىدار سۇپىسىدىكى تەسىر كۈچى ئۇدا 3-ئورۇندا تۇردى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە بىرلىشىپ «ئارىلىقسىز» تور تارقىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، سىرتقا تارقىتىشتىكى يېڭى سىستېما بەرپا قىلدى.

  تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسى كۈنسېرى جانلاندى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، گىرمانىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، تۈركىيە، لىۋىيە قاتارلىق 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئۆمەك ئەۋەتىلىپ، ئىلمىي ئالاقە قانات يايدۇرۇلدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇيۇنى ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە، قازاقىستان، ئامېرىكىدا نەشرىيات ئاپپاراتى رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ قۇرۇلدى. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى، جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە «جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى»، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا گۈزەل سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى بەلگىلىك خەلقئارا تەسىرگە ئىگە مەدەنىيەت كۇرسلۇق مەھسۇلاتىغا ئايلاندى.

  تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. 1955-يىلى شىنجاڭدا ھەر خىل تۈردىكى تەنتەربىيە مەيدانىدىن 425ى بار ئىدى، 2014-يىلى 26 مىڭدىن ئاشتى. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، 13 نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت يىغىنى، سەككىز نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى شۇنداقلا ياشانغانلار تەنھەرىكەت يىغىنى، مىيىپلار تەنھەرىكەت يىغىنى قاتارلىقلار ئۇيۇشتۇرۇلدى. يېزا تەنتەربىيەسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، كەنت دەرىجىلىك «دېھقان، چارۋىچىلار چېنىقىش قۇرۇلۇشى تۈرى»دىن 7726سى قۇرۇلدى، مول ۋە قىزىقارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋە چېنىقىش پائالىيەتلىرى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2014-يىلغىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمئىي 629 ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى قېزىلدى ۋە رەتلەندى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى «دارۋازلىق» دۇنياغا تونۇتۇلدى.

  11

  مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. 2014- يىلىغىچە شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى ئۈلگە بازىسىدىن ئالتىسى قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى رايونىدىن 20 سى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى ئۈلگە بازىسىدىن 76 سى قۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز تەنتەربىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كوماندىسى، تەڭرىتاغ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم كەسپى تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنى جەلپ قىلدى ۋە قۇردى. تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋە ئويۇن قويۇش بازىرى كۈنسېرى جانلىنىپ، تەكلىماكاننى ئايلىنىپ كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسى، CBA ۋاسكىتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسى نىسبەتەن يۇقىرى بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ساقلىدى. تەربىيلەش كۇلۇبلىرى سۇبيېكىت قىلىنغان تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش بازىرى ۋە خاسلىققا ئىگە ئاممىۋى تەنتەربىيە كۇرسلۇق مەھسۇلاتلىرى، خەلقئارا دالا يىغىلىشى، خەلقئارا قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى، قار- مۇز ۋە ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيە ھەرىكىتى ۋەكىل قىلىنغان تەنتەربىيە ئىستىراھەت بازىرى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر