باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق تاشلىق كىتاب: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى(5)

2015.09.25 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچىنچى، تەرەققىيات ئاساسىي ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى

  60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە پۇختا ئاساس سالدى.

  ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرىنەرلىك كۈچەيدى. 1955-يىلى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن، 1978-يىلى 3 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، 2014-يىلىغا كەلگەندە 927 مىليارد 346 مىليون يۈەنگە يەتتى. باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، 1955-يىلىدىكىدىن 115.6 ھەسسە ئېشىپ، يىللىق ئېشىش سۈرئىتى ٪8.3 گە يېتىپ، مەملىكەتنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى. 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتى ٪11.1 بولۇپ، مەملىكەتنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن 2.5 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى. ئېشىش سۈرئىتى 2009-يىلىدىكى مەملىكەت بويىچە 30-ئورۇندىن 2014-يىلى 4-ئورۇنغا ئۆتۈپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. شىنجاڭلىقلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1955-يىلىدىكى 241 يۈەندىن ئېشىپ، 2014-يىلى 40 مىڭ 648 يۈەنگە يەتتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە 1955-يىلىدىكىدىن 23.8 ھەسسە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ٪5.6 ئاشتى. 1955-يىلى شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىمى ئاران 170 مىليون يۈەن ئىدى، 2014-يىلى 128 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2010-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىمى يىغىندىسى 454 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يەتتى. شىنجاڭنىڭ مالىيە چىقىمى 1955-يىلى ئاران 180 مىليون يۈەن ئىدى، 2014-يىلى 331 مىليارد 780 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە مالىيە چىقىمى يىغىندىسى 1 تىرلىيون 308 مىليارد 840 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى تەدرىجى تارايدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭدا ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، قۇمۇل قاتارلىق بىر نەچچە شەھەرلا بار ئىدى، يېزىلار يېپىق ناتۇرال ئىگىلىك ھالىتىدە بولۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى ناھايىتى زور ئىدى. 60 يىللىق قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئارقىلىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. شەھەر-بازار ئاھالىسى بىلەن يېزا ئاھالىسىنىڭ نىسبىتى 1955-يىلىدىكى 15.1:84.9دىن 2014-يىلى 46.07:53.93 گە ئۆزگەردى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى نىسبىتى 2009-يىلىدىكى 3.2:1دىن 2014-يىلىدىكى 2.7:1گە تارىيىپ، غەربىي قىسىمدىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى نىسبەتەن كىچىك بولدى. شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلىشىپ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان شەھەر پۇقراسىغا ئايلىنىپ، زامانىۋى شەھەر تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولدى.

  رايون ئىقتىسادى ماس تەرەققىي قىلدى. تارىخىي سەۋەبلەر ۋە ئەمەلىي شارائىتنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى پەرق بىر قەدەر زور ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى ۋە تەسىر كۆرسەتتى. 2014-يىلى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغى ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 638 مىليارد 690 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭGDPسىنىڭ ٪68.9ىنى ئىگىلىدى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. بولۇپمۇ 2010-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىت-تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، مەبلەغ، تۈر جەھەتتە مايىللاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست(خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى)نىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى 2009-يىلىدىكى ٪10.5تىن 2014-يىلى ٪11.2كە يېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرىنەرلىك كۈچەيدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى. 1955-يىلى شىنجاڭنىڭ ئۈچ كەسپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 54.4:26.1:19.5 بولۇپ، تىپىك ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان كەسپ قۇرۇلمىسى ھالىتىدە ئىدى، ئۈچ كەسپنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى86.9:6.1:7.0 ئىدى. 2014-يىلىغا كەلگەندە، ئۈچ كەسىپنىڭ قۇرۇلمىسى 16.6:42.6:40.8گە تەڭشەلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالىشىپ، 45.4:16.0:38.6 بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، سانائەتنى يېتەكچى قىلغان، مۇلازىمەت مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن زامانىۋى كەسپ قۇرۇلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. 1978-يىلىدىن كېيىن شىنجاڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلەتتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نېفىت، رەڭلىك مېتال، خىمىيە سانائىتى، پولات-تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق تايانچ كەسپلەر سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ماس تەرەققىاتىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈردى، قوللىدى ۋە يېتەكلدى. 1978-يىلى شىنجاڭدا ئاران 4168 يەككە سودا-سانائەتچى بار ئىدى، 2014-يىلىغا كەلگەندە 720 مىڭغا يەتتى. 2014-يىلى ئەلئارا تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 406 مىليارد 693 مىليون يۈەن بولۇپ، سلېنمىغا قوشقان تۆھپىسى ٪48.2كە يەتتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتكۈل سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 5.4 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولۇپ، كۆلەملىك سانائەتنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ٪33.8 بولدى.

  ئۇل ئەسلىھەلەر كۈنسايىن مۇكەممەللەشتى. 2014-يىلى، قاتناش باشلانغان تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 175 مىڭ 500 كىلومىتېرغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە قاتناش باشلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 4316 كىلومېتىرغا يېتىپ، 2009-يىلىدىكىدىن بەش ھەسسە ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 27-ئورۇندىن 12-ئورۇنغا ئۆتتى؛ يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 135 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، يېزا-بازارلارغا تۇتىشىش نىسبىتى ٪99.71كە، يېزا-بازار قاتنىشىنىڭ راۋانلىق نىسبىتى ٪98.21كە، ئىشتاتلىق كەنتلەرگە تۇتىشىش نىسبىتى ٪98.71كە، ئىشتاتلىق كەنت قاتنىشىنىڭ راۋانلىق نىسبىتى ٪84.88كە يەتتى. تۆمۈر يول تىرانسىپورتى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. 2014-يىلى تۆمۈر يول ئومۇمىي مۇساپىسى 5760.2 كىلومىتېرغا يەتتى. ئۈرۈمچى-لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلىنىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تىرانسىپورتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. شەرق بىلەن غەرپنى، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرغان، ئىچكىرىگە تۇتاشقان، ياۋروپا-ئاسىيانى باغلىغان تۆمۈر يول تىرانسىپورت غول لىنىيەسى بارلىققا كەلدى. 1978-يىلى شىنجاڭدا بىرلا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئايرۇدرۇمى، توققۇز رايون ئىچى لىنىيەسى بار ئىدى. 2014-يىلىغىچە 16 پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئايرۇدرۇمى قۇرۇلۇپ، 155 لىنىيە ئېچىلىپ، ئاۋىياتسىيە ئومۇمىي مۇساپىسى 160 مىڭ كىلومىتېردىن ئېشىپ، جۇڭگودىكى ئايرودرۇم سانى ئەڭ كۆپ، لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن (ئۆلكە) ئاپتونوم رايون بولۇپ قالدى.

  سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. شىنجاڭدا 1949-يىلى ئۈچ سۇ ئامبىرى بولۇپ، ئومۇمىي سىغىمى 52 مىليون 340 مىڭ كۇپمىتېر ئىدى. 2014-يىلىغا كەلگەندە سۇ ئامبىرى كۆپىيىپ 538گە، ئومۇمىي سىغىمى 16 مىليارد 908 مىليون كۇپمىتىېرغا يەتتى. 2010-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بېكىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلەتتى. 2014-يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭدا ئۈلگە ئارقىلىق تۈرتكە بولغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغۇرۇلغان كۆلەم 27 مىليون 700 مىڭ موغا يېتىپ، قۇرۇلۇش كۆلىمىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. ياخشىلانغان سۇغۇرۇش كۆلىمى 3 مىليون 984 مىڭ 900 موغا، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن سۈنئىي يەم-خەشەك بازىسى 3 مىليون 720 مىڭ 80 موغا، يىللىق ساپ ئاشقان يەم-خەشەك ۋە قۇرۇق ئوت-چۆپ 3 مىليون 30 مىڭ توننىغا يەتتى، 106 مىڭ ئائىلىلىك چارۋىچىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشتىكى يەم-خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ مەنبەسى كاپالەتلەندۈرۈلدى. يېزىلاردا چوڭ-كىچىك سۇ زاۋۇتىدىن 1315 سېلىنىپ، 11 مىليون 256 مىڭ 300 كىشىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى، بۇ يېزا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ ٪96تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، بۇ ئارقىلىق سۇ مەنبەسىنىڭ بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يەرلىك كېسەل، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى ئۈنۈملۈك تېزگىنلەندى.

  ئاق تاشلىق كىتاب-5

  ئېلېكتىر ئىنېرگىيە سانائىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. 2010-يىلىدىن بۇيان «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» تۈرى بويىچە قۇمۇلنىڭ جەنۇبى ـ جېڭجۇ±800 كىلوۋولتلىق تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شەرقىي جۇڭغار ـ شەرقىي جۇڭگو± 1100 كلوۋولتلىق لىنىيەسىنىڭ يۈرۈشلەشكەن توك مەنبەسى تۈرىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئىش باشلاندى. شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى دەسلەپكى 110 كلوۋولتتىن 220 كلوۋولتقا ئۆزگەرتىلىپ تورلاشتۇرۇلدى، ئاندىن 750 كلوۋولتلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىنىڭ ئاساسىي تور گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈلدى. 2014-يىلى ئېلېكتىر كۈچى گېنىراتورلار سىغىمچانلىقى 54 مىليون 640 مىڭ كلوۋاتقا، توك چىقىرىش مىقدارى 209 مىليارد 100 مىليون كلوۋات سائەتكە يەتتى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» تۈرى بويىچە 17 مىليارد 500 مىليون كلوۋات سائەت توك سىرتقا يەتكۈزۈلدى، توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 65 مىڭ 656 كىلومېتىرغا يەتتى. يېڭى ئېنېرگىيە گېنىراتورلار سىغىمچانلىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىر كۈچى ئومۇمىي گېنىراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %20.1ىنى ئىگىلەپ، ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئاساس بولغان، سۇ ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، گاز يېقىلغۇلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى، فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، بىئو ماسسا ئېنېرگىيىلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق كۆپ خىل توك چىقىرىش ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۈت بولغان توك چىقىرىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

  زامانىۋى ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتكە قەدەم قويدى. ئالاقىچىلىك كەسپى بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرىكى «ئات ئۇلاغ ئارقىلىق تېلېگرامما ياكى خەت-چەك يەتكۈزۈش ئۇسۇلى»دىن زامانىۋى ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئالاقە تورى بىلەن قاپلىنىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2014-يىلى، ئالاقە تورى كەڭ بەلباغ ئابونىچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 3 مىليون 57 مىڭ ئائىلىگە، كۆچمە تېلېفوننىڭ ھەر 100 ئادەمدىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى 90.8گە، تەبىئىي كەنتلەرگە توك يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى %98 كە، مەمۇرىي كەنتلەرگە كەڭ بەلباغنىڭ يەتكۈزۈلىش نىسبىتى %97 كە يەتتى. ئۈرۈمچىنىڭ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا ئالاقە كەسپىدىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، 10 نەچچە دۆلەت بىلەن تاۋۇشلۇق ۋە سانلىق مەلۇمات كەسپ تۈرلىرى يولغا قويۇلدى، ئېلىمىزدە خەلقئارا تېلېفون كەسپىنى راۋانلاشتۇرۇش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى.

  سىرتقا ئېچىۋېتىش تەدبىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. 1978-يىلىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1-دەرىجىلىك پورتتىن 17نى، 2-دەرىجىلىك پورتتىن 12نى ئېچىپ، 19 نۆۋەت «ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد-سودا يەرمەنكىسى» ۋە تۆت نۆۋەت «جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. قەشقەر شەھىرى بىلەن قورغاس ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قىلىپ قۇرۇلدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلدى. ھازىر شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپ توپلاشقان رايوندىن 23ى بار، ئاساسلىق سودا ھەمراھى 186 دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى، بۇنىڭ بىلەن ئەتراپلىق ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 1955-يىلىدىكى 51 مىليون دوللاردىن 2014-يىلى 27 مىليارد 669 مىليون دوللارغا يەتتى، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %12.12، چەت ئەللەردە ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش تىجارەت سوممىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %26.1 ، چەت ئەلگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %25.1 بولدى.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رولى روشەن ئاشتى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان، پەن-تېخنىكا سېلىنمىسى، پەن-تېخنىكا سەھنىسى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى مۇقىم كۆپەيدى، پەن-تېخنىكا قوشۇنى زورايدى، بۇنىڭ بىلەن رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى پەيدىن-پەي ئورنىتىلدى. يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسىدا ئالغا بېسىش، تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يىلمۇ-يىل ئېشىپ باردى، سورتلۇق ئۇرۇق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %90 تىن ئېشىپ كەتتى. سانائەت پەن-تېخنىكىسى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولدى، تۆمۈريولدا ئىشلىتىلىدىغان سۆرىگۈچى ترانسىفورماتور، قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. بايلىق مۇھىتى ساھەسىگە ئالاقىدار پەن-تېخنىكىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت، تەبىئىي گاز بايقالدى، تارىم قۇملۇق تاشيولى ۋە ئىھاتە ئورمىنى ئېكىئولوگىيە بىناكارلىق قۇرۇلۇش تېخنىكىسى خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى.

  ئېكىئولوگىيە مەدەنىيلىكى سەۋىيەسى مۇقىم ئاشتى. شىنجاڭنىڭ ئېكىئولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز، مۇھىت سىغىمى ئىنتايىن چەكلىك، بوستانلىق كۆلۈمى دۆلەت زېمىنى ئومۇمىي كۆلۈمىنىڭ %5 ىنى ئىگىلەيدۇ. 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2010-يىلىدىن بۇيان قوغداش خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكىئولوگىيە ئارقىلىق رايوننى گۈللەندۈرۈش ۋە بايلىق ئېچىشتا، ئېكىئولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكىئولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكىئولوگىيەنى قوغداشتا قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  ئېكىئولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن بويىچە قوغدالدى. ئالدىن پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي فونكىسىيەلىك رايون پىلانى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت قوغداش نىزامى»، «كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش مۇھىتىنى قوغداش-باشقۇرۇش نىزامى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى». «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتمۇسفرا بۇلغۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك قانۇن-نىزاملار تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 31ى، داڭلىق مەنزىرىلىك رايوندىن 18ى، ئورمان باغچىسىدىن 52سى، گىئولوگىيە باغچىسىدىن توققۇزى، دۇنيا تەبىئىي مىراس ئورنىدىن بىرى، سۇلۇق يەر باغچىسىدىن 16سى قۇرۇلدى. سۇلۇق يەرنى قوغداش نىسبىتى %53.52كە يېتىپ، مەملىكەتىڭ %43.15لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى.

  ئېكىئولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىناكارلىق قۇرۇلۇش سالمىقى زورايتىلدى. 2010-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭدا ھەر يىلى بەرپا قىلىنغان سۈنئىي ئورمان ۋە تاغنى دائىرىلەپ ئورمان ئۆستۈرۈش كۆلۈمى 2 مىليون 500 مىڭ مودىن ئېشىپ كەتتى، ئورمان كۆلۈمى ۋە ئورمان زاپىسى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 14- ۋە 12-ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر 82 ناھىيە، شەھەر تېرىلغۇ يەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورمان بىلەن تورلاشتۇردى، 45 ناھىيە، شەھەر دۆلەتنىڭ تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش ئۆلچىمىگە يەتتى، %95 تېرىلغۇ يەر ئورمان تورى بىلەن ئۈنۈملۈك قوغدالدى. بوستانلىقنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %14.95تىن %23.5كە يەتتى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش كۆلۈمى 3 مىليون 258 مىڭ موغا يەتتى. ئىلى دەرياسى جىلغىسىدا 1 مىليون مو ئېكىئولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق نوقتۇلۇق قۇرۇلۇشلار يولغا قويۇلدى. قۇملاشقان يەرنى تۈزەش كۆلۈمى 24 مىليون 600 مىڭ موغا يەتتى، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى بويىچە 41 مىليون 600 مىڭ مو يەر قاشالاندى. كىچىك ئېقىندىكى سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش ۋاستە قىلىنىپ، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش كۆلۈمى جەمئىي 4000 كۇۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى.تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، 15 قېتىم جىددىي سۇ قويۇپ بېرىلىپ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىندى. شىنجاڭدىكى 79 ئاساسلىق دەريانىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش نىسبىتى 2009-يىلىدىكى %88.3 تىن 2014-يىلى %94 كە يەتتى؛ كۆل، سۇ ئامبارلىرىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش نىسبىتى %43.3تىن %67.8 كە يەتتى، بۇمەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى.

  مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش كۈچەيتىلدى. ئۈرۈمچى، كۈيتۈن-مايتاغ-شىخۇ قاتارلىق رايونلاردا ئاتموسفرا بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش، بىرلەشمە تىزگىنلەش تەدبىرى يولغا قويۇلدى. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى روشەن ياخشىلاندى، 2014-يىلى ھاۋا سۈپىتى ياخشى كۈن سانى 310 كۈنگە يېتىپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى. باغراش كۆلى، سايرام كۆلى، ئۆلۈنگۈر كۆلى، قاناس كۆلى قاتارلىق سۈيىنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى كۆللەرنى ئېكىئولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش سىناق نوقتىسى قىلدى. شەھەر، يېزىلارنىڭ مەركەزلەشكەن ئىچىملىك سۇ مەنبەسىدىن 367نى قوغداش ۋە 1836 كەنتنىڭ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى تاماملىنىپ، ئاممىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئېكىئولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت بويىچە مۇھىت ئاسراشتا ئۈلگىلىك شەھەردىن ئىككىسى؛ دۆلەت دەرىجىلىك ئېكىئولوگىيە رايونى، ئېكىئولوگىيەلىك يېزا-بازار ۋە كەنتتىن جەمئىي 43ى؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكىئولوگىيە رايونى، ئېكىئولوگىيەلىك يېزا-بازار ۋە كەنتتىن جەمئىي 1057سى قۇرۇلدى.

  ئاق تاشلىق كىتاب -6
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر