باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاق تاشلىق كىتاب: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى(3)

2015.09.25 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرىنچى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلدى

  شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردىلا جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغان. ھەر قايسى دەۋرلەردىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتلەر شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، شىنجاڭنى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ئىدارە قىلغان. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن.

  تارىختا، شىنجاڭ رايونىدا ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت خەلق ئەمگىكى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە قەيسەرلىكى بىلەن كۆپ مىللەتنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان، شىنجاڭمۇ جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرىدىغان، مەدەنىيەت تارقىتىدىغان مۇھىم يول بولۇپ قالغان. 1840-يىلىدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو تەدرىجى يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فىئوداللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرى، فېئودال كۈچلەر ۋە ئىكېسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ ئېزىشىگە ئۇچراپ، ئىجتىمائىي ئورنى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان. 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، جەنۇبىي شىنجاڭ، ئىلى ۋە ئۈرۈمچىنىڭ يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدىكى كۆپ قىسىم يەرنى ناھايىتى ئاز ساندىكى پومىشچىكلار زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان، كۆپ ساندىكى دېھقان ناھايىتى ئاز يەرگە ئىگە بولغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان چەت، يىراق يېزىلاردا، يانچىدارلارنىڭ نىسبەتەن مۇكەممەل ساقلانغا قورۇقلىرى ھازىرمۇ ئاز ساندا ئۇچرايدۇ، يانچىدارلار يانچىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا تولۇق ھوقۇقلۇق بولۇپ، يانچىلار يانچىدارلارغا ھەقسىز يەر تېرىپ بەرگەن ھەم تۈرلۈك ئائىلە ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان. شىمالىي شىنجاڭدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا، فېئودال ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ قالدۇقلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ۋاڭ-بېگىملەر، قەبىلە ئاقساقاللىرى كۆپ مىقداردىكى چارۋىغا ئىگە بولىۋېلىپلا قالماستىن، تۈرلۈك فىئودال ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قالغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن بولۇپ، ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمان بولالمىغان.

  1921-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقى مىللىي مۇستەقىللىق، مىللىي ئازادلىقنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان توغرا يولنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بەزى كومپارتىيە ئەزالىرى شىنجاڭ رايونىغا كىرىپ ئىنقىلابىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللاندى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ياردەم قىلدى. بىر تۈركۈم ھەر مىللەتغياشلىرى ئىلغار ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاكتىپ ئىزدىنىپ، ئىلگىرىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەكسىيەتچىل، قالاق كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ئورتاق تارىخىي تەقدىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەندۈردى، مۇشۇ ئورتاق تونۇش كېيىن شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنىشىنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتىنى ھازىرلىدى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 1949-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن، يەنىلا ئىلگىرىكى ئۆلكە تۈزۈمى داۋاملاشتۇرۇلدى. 1949-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ج ك پ شىنجاڭ شۆبە بيۇروسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بورھان شەھىدى رەئىس بولغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ باندىتلارنى تازىلاپ، ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنىڭ قوراللىق توپىلىڭىنى باستۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە قوزغىلاڭچى قوشۇننى ئۆزگەرتىش، مىللىي ئارمىيەنى قايتا تەشكىللەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق بولۇش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىرىنچى قېتىم سايلاپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن يېزىلارنىڭ يەر ئىسلاھاتىنى مەركەز قىلغان تۈرلۈك دېموكراتىك ئىسلاھاتلار ئارقىلىق فېۋدال يەر ئىگىدارلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، يېرى يوق، يېرى ئاز ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلققە يەر بۆلۈپ بېرىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلقنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئېزىلىش، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنىشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرى تۈپتىن ئۆزگەردى.

  يېڭى جۇڭگو ھەر مىللەت خەلق باراۋەر، ئىتتىپاق بولۇش، ھەر مىللەت خەلق ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىشنى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى قىلىشتا چىڭ تۇردى، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى بېكىتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا، شىنجاڭدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە، تاجىك، مانجۇ، ئۆزبېك، رۇس، داۋغۇر ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھالىسى كۆپ ئىدى. يۇقىرىقى مىللەتلەر «چوڭ جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كىچىك جەھەتتە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش»تەك ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلغان، مىللەتلەر ئارىسىدا زىچ ۋە كەڭ مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولۇپ، بۇ شىنجاڭدا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش تارىخىنىڭ داۋاملىشىشى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشتەك دېموكراتىيە ھوقۇقىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرگەن بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان ئىناق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  1952-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يۈرگۈزۈش تېزىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۆلكىسى 1-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ 2-قېتىملىق ھەر مىللەت ھەر ساھە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يۈرگۈزۈش تېزىسى>نى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى ماقۇللاپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تەييارلىق كومىتېتىنى قۇردى. 1953-يىل 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي مەھكىمىسى «شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يۈرگۈزۈش چارىسى»نى تەستىقلاپ قوشۇلدى، شىنجاڭنىڭ ئاپتونومىيەلىك جاي قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. 1954-يىلىغىچە، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئوبلاستتىن تۆۋەن ئاپتونومىيەلىك جاي قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى تاماملىنىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئالتە ئاپتونوم ئوبلاست؛ قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، مۇرى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئىبارەت ئالتە ئاپتونوم ناھىيە قۇرۇلدى.

  ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۇل سالدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ شۆبە بيۇروسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يۈرگۈزۈش تىزىسى»غا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈردى. 1955-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇش، شىنجاڭ ئۆلكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى ماقۇللاندى ھەم سابىق شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي رايونى قىلىندى.

  1955-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك 1-نۆەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات» قاتارلىق ھۆججەتلەر ماقۇللىنىپ، سەيپىدىن ئەزىزى رەئىس، گاۋ جىنچۇن(خەنزۇ)، مەمتىمىن ئىمىنوۋ، پاتىخان سۈگۈربايېۋ(قازاق) مۇئاۋىن رەئىس بولغان 41 كىشىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېت سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلدى. 1955-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى، غەمخورلۇقى ۋە مەملىكەتتىكى قېرىنداش ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق زور كۆلەملىك سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى قانات يايدۇردى. 1984-يىلى دۆلەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نى ئېلان قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى قىلىپ بېكىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش پرىنسىپى ئاساسىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تۇلۇق يۈرگۈزۈشىنى كۈچلۈك قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  2010-يىلى 5-ئاي ۋە 2014-يىلى 5-ئايدا مەركەز 1- ۋە 2-قېتىملىك شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي، ئىلگىرىلىگەن، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇشنى تەكىتلىدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر