باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەتتە تارماق بىرلىشىپ پىروگرامما ئېلان قىلدى

2015.12.10 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئاخبارات نەشىرىيات رادىيو كىنو تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق 7 تارماق « 13-بەش يىلدىكى نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پىلان پروگراممىسى»نى بىرلىشىپ بېسىپ تارقىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا نامرات رايونلارنىڭ ئاساسى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئاساسى كۆرسەتكۈچىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى پەرقنىڭ كېڭىيىپ كېتىش ۋەزىيىتىنى ئوڭشاشنى ئوتتۇرىغا قويدى، پروگراممىنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسى ــ ليۇپەنشەن رايونى، چىنباشەن رايونى، ۋۇلىڭشەن رايونى، ۋۇمېڭشەن رايونى، يۇننەن ۋە گۈيجۇدىكى تاشلىشىپ، قۇملىشىپ كەتكەن رايونلار، يۈننەنىڭ غەربىيدىكى چېگرا تاغلىق رايونلار، چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار، يەنشەن تەيخاڭشەن رايونى، لۇلياڭشەن رايونى، دابېيشەن رايونى، لوشياۋشەن رايونى قاتارلىق رايونلاردىكى مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە سىياسەت بېكىتىلگەن شىزاڭ، تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست شۇنداقلا تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەردىن بولۇپ، 839 ناھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر