باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا

2018.09.07 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئارزۇسى — تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش ئارزۇسىدۇر، بىزنىڭ يەتمەكچى بولغىنىمىز جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت- سائادىتى، شۇنداقلا ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ئورتاق بەختىدۇر.

  «بىز ئافرىقا خەلقى بىلەن بىر نىيەتتە، كۈچنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قويۇق جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەشنى خالايمىز.»

  2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ نەزەرىنى جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئورتاق ئىنتىلىشىگە تىكىپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، بەختتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان، بىخەتەرلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنى باغلاپ تۇرىدىغان كۆۋرۈكنى چىڭىتىش، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر مەزمۇنىنى تولۇقلاش، جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ پۇختىلاش، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە يېتىشكە نىسبەتەن زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «دېڭىز سۇنى رەت قىلمىغاچقا، زورىيالايدۇ» جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئافرىقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق، جۇڭگو- ئافرىقا ئاللىقاچان مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە بولۇپ قالدى. ئورتاق تارىخىي قىسمەت، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ۋە سىياسىي تەلەپ ئاساسىدا، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقى ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق ۋە ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلماقتا، جۇڭگو ھازىر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئافرىقا ئەللىرى بىلەن ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىش ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ كۆپ شەرتلىرىنى ھازىرلىدى. يېڭى دەۋردە جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلاۋاتقان بولۇپ، كەڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالماقتا؛ تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر