باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلدى

2018.01.02 16:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1-يانۋار «ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتايلى-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق تەبرىك سۆزىگە ياخشى قۇلاق سېلىڭ» دېگەن ئوبزورچى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: 2018-يىلى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئىجادىي ئۇلۇغ كۈچكە تەنتەنە قىلدى؛ يېڭى بىر يىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە نەزەر سېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ غېمىنى قىلدى. تەبرىك سۆزى خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەۋر روھىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ دېگەن چوڭ دۆلەتنىڭ كۆكسى-قارنىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان يېڭى يىلنىڭ مۇقەددىمىسى، كىشى قەلبىگە ئىلھام بېرىدىغان كۈرەش مېلودىيەسىگە ئايلاندى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2018-يىلى-پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، 13-بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان ھالقىلىق بىر يىل. يېڭى بىر يىلدا، بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى بىر يىلغا كىرگەندە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەنە نۇرغۇن مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر يېڭى ۋەزىپىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ۋاقىت ۋە ئىشلار ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. بىز پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك ئېڭى، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش روھى بىلەن يېڭىمىزنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تېرىشىپ ۋاقىتنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، 2018-يىلىدىكى يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى بىرلىكتە يارىتايلى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر