باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە پىل چىشىنى سودا خاراكتېرلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش ئومۇميۈزلۈك توختىتىلدى

2018.01.02 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، دۆلىتىمىز 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن ئىلگىرى پىل چىشىنى سودا خاراكتېرلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك توختىتىلدى. يېقىندا، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پىل چىشىنى پىششىقلاپ ياساپ چىقىش ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە سېتىش ئورۇنلىرىدىن بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى، تاموژنا، سودا- سانائەت ۋە ئورمانچىلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە ھالدا قانۇن ئىجرا قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

  2017- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى پىل چىشىنى سودا خاراكتېرلىك سېتىش ۋە ئۇنىڭدىن بۇيۇملارنى پىششىقلاپ ياساپ چىقىش قاتارلىق قىلمىشلارنى تەرتىپلىك توختىتىشقا ئائىت ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلايدىكەن. پىل چىشىدىن سودا بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ياساپ چىقىش ۋە ئۇنى سېتىش ھەرىكەتلىرى ئومۇميۈزلۈك توختىتىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، دائىملىق تۈردە قانۇن ئىجرا قىلىپ ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدىكى پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىپ سېتىش، يۆتكەش، پىل چىشى ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە پىل چىشى بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ياساپ چىقىش قاتارلىق قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا قانۇنسىز ھالدا پىششىقلاپ ياساپ چىقىش ئۇۋىلىرىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ ۋە ئۇلارنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ بازار ۋە سېتىش تورلىرى قاتارلىق قانۇنسىز سودا يوللىرىنى توسۇپ قالماقچى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر