باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يېڭى تارىخ يارىتايلى

−يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا

2018.01.02 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى دەۋر يېتىپ كەلگەندە، ۋاقىت ئۆزگىچە مەناغا ئىگە بولىدۇ−

  2012−2017.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.

  ۋاقىت مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.

  جۇڭگو 2018-يىلىغا قەدەم قويۇپ، يېڭى دەۋردە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي ئالمىشىش مەزگىلىدىكى ۋەزىپە ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى−

  بۇ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان يېڭى دەۋر− يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈش

  21- ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ ماركىسىزىمى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ.

  ــ شى جىنپىڭ

  تەنتەنىلىك قەسەم تارىخ ئاسمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  «ئىنسانلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگولۇقلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى»− مانا بۇ 1949-يىلىدىكى جۇڭگو؛

  «ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرىمىز»− مانا بۇ 1978-يىلىدىن كېيىنكى جۇڭگو.

  يەنە 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ، ۋاقىت مۇھىم مەزگىلگە كەلدى−

  2017 - يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ، خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالى.

  «ئۇزاق مەزگىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى»− باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

  بۇ زور سىياسىي ھۆكۈم جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بەش مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق مەدەنىيلىككە ئىگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭى بىر تەرەققىيات يۈكسەكلىكىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى، 500 يىللىق تارىخقا ئىگە سوتسىيالىزمنىڭ شەرقتىكى چوڭ دۆلەتتە كۈچلۈك ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى، 70 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  .يېڭى دەۋرگە كىرگەن جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر