باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۇنيا ئىقتىسادنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى بىرلىكتە يارىتايلى

2017.09.07 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا دۇنيا ئىقتىسادنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى بىرلىكتە يارىتايلى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر سودا سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى باش مەقسەتلىك نۇتۇقى ھەققىدە ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 3-سېنتەبىر رەئىس شى جىنپىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر سودا سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلەپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقى تەرەققىياتىنى ئىككى نۇقتىدىن ئىگىلەپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدا بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن گەۋدىلىك نەتىجىسى ۋە مۇھىم ئىلگىرىلەشلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ 2-ئالتۇن ئون يىلىنى بىرلىكتە يارىتىش ھەققىدىكى تۆت نۇقتىلىق تەكلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋر مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ يەر شارىنى تۈزەشتىكى مەسئۇلىيەت ۋە يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشىنى نامايەن قىلىپ، ساھىبخانلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە دىققىتىنى تاراتتى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:رەئىس شى جىنپىڭ بەش دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئۈچ جەھەتتىن يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىدى. ئۇ بولسىمۇ 10 يىلدا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئىزدىنىپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەتلىنىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛يۈكنى زىممىسىگە جاسارەتلىك ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقئارا سەھنىدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىش.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەشتىكى مۇھىم نۇقتىنى باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قىلىش؛ ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش؛ كەڭ قورساق غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى. بۇ ئۈچ نۇقتا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر روھىنىڭ چوڭقۇر گەۋدىلىنىشى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ئون يىللىق ھەمكارلىقى مۇجەسسەملەنگەن ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىنتىلىشى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان ھەل قىلغۇچ نۇقتىدا تۇرماقتا، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ 2-ئالتۇن ئون يىلىنى بىرلىكتە يارىتىش مۇھىم تەشەببۇسى چوڭ ۋەزىيەتنى ۋاقتىدا ياخشى ئىگىلىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ،ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر مەسئۇلىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تەسىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. بىزنىڭ ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيتىمىز بەش دۆلەت خەلقىگە جەزمەن نەپ ئېلىپ كېلەلەيدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ بەخت سائادىتى ھەر قايسى دۆلەت ئاممىسىغا جەزمەن پايدا يارىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر