باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو پاراسىتىدىن پارلىغان ئىككىنچى ئالتۇن ئون يىل

2017.09.06 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى سودا سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 3-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى، رەئىس شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەت سۆزى قىلىپ ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىغا قارىتا: ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بەش دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئالتۇن كېسەك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئەمىنلىكىنى قوغداش، ئالتۇن كېسەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارىنى رەتكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالتۇن كېسەك تەسىرىنى كېڭەيتىپ، كەڭ شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقى تەرەققىياتىنى كۆزەتسەك مۇنداق ئىككى مۇھىم نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. بىرى، ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىنى دۇنيا تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا قېلىپ ئۆزگىرىشنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە قويۇپ قاراش، ئىككىنچى، ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىنى بەش دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ۋە ئورتاق تەرەققىيات مۇساپىسىگە قويۇپ قاراش. جۇڭگونىڭ ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىدىكى تۆھپىسى، تەشەببۇسى ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇنى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دېگەن ئىدىيە بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  جۇڭگو ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئەمەلىيەت شېرىكلىشىش، ئەمما ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتەك يېڭىچە مۇناسىۋەت ـــ ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈش كونا يولىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ «ئالتۇن كېسەك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كېلەچەكنى يارىتىش دېگەن» ئاساسى تېمىسى دەۋرگە ماسلىشىپ بارلىققا كەلدى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئىچكى قىسىمدا بارلىق ئىشلارنى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە بېكىنمىچىلىك قىلمايدۇ، باشقىلارنى يەكلىمەيدۇ،ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىماسلىقلارنى ساقلاپ قېلىشنى تەكىتلەيدۇ، جۇڭگو ئالتۇن كېسەك قوشۇلمىسى ھەمكارلىق قېلىپىغا تېخىمۇ ئىلھام بېرىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت ــ ئېچىۋېتىلگەن كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات شېرىكلىك تورىنى بەرپا قىلىپ، ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىنى بازىرى گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە تېخىمۇ كەڭ ۋەكىللىككە ئىگە قىلىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاشقا ئىگە قىلىش.

  جۇڭگو يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى، جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى يەر شارى قىممەت زەنجىرىنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇپ، قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك بازىرى گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى باشقىلارنىڭ قولىدىكى تورتنى ئېلىۋېلىش ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ تورتنى تىرىشىپ تېخىمۇ چوڭايتىش. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق بارلىق ئىنسانلارنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ ئىجابىي، تەشەببۇسكار رول ئوينىشى كېرەك.

  جۇڭگو ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر مەنپەئەت جەھەتتە تېخىمۇ گىرەلەشكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىدۇ شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ، مۇرەككەپ يەر شارى خىرىسىغا دۇچ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىغۇچىلار، خەلقئارا بىخەتەرلىك تەرتىپىنى بەرپا قىلغۇچىلار، ھەرقايسى ئەللەر ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ماجىرالارنى سۆزلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، قورال كۈچى ئىشلىتىش ياكى قورال كۈچى ئارقىلىق ھەيۋە قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، كىچىك مەنپەئەتنى دەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەتتا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، ھەرقايسى ئەللەر بىخەتەرلىكتىن ھەمبەھىرلىنىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىشقا كۈچىشى كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە بارغانسېرى يېقىنلاشتى، جۇڭگو ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، 2016-يىلىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇ يىل 5-ئايدىكى بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگىچە، يەنە بۇ قېتىمقى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغىچە ھەر قېتىملىق پائالىيەتتە جۇڭگو پاراسىتى، جۇڭگو ئاۋازى، جۇڭگو لايىھەسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۈمىدلەندۈردى.

  بۇ يىل ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يىل، بۇ يىل ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقى ئىككىنچى ئون يىلغا قەدەم قويدى. بۈگۈنكى دۇنياغا كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇقىمسىز بولماقتا، بىتەرەپلىك خاھىشى قايتا باش كۈتمەكتە، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى بىردە پەسىيىپ بىردە كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ ئەقىل كۆرسىتىپ،باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پىلانلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

  بۇ قېتىمقى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى شيامىن ئۇچرىشىشىدا جۇڭگو يەنە ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىدۇ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ئەمەس ئەقىل ۋە ھەرىكەت جەھەتتە ھەمكارلىشىدىغان ھەمكارلىق شېرىكلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، جۇڭگونىڭ ئەقىل پاراسىتى يەنە بىر قېتىم ھەرقايسى ئەللەرگە ئىناق بىللە ئۆتۈش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تاللىشى ئېلىپ كېلىدۇ، ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ئون يىلى جۇڭگونىڭ ئەقىل پاراسىتىدە تېخىمۇ پارلايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر