باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

بۇلاق تازىلاش بايرىمى

2016.06.30 10:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر يىلى 9 – ئىيۇن ئاراتۈركنىڭ باي يېزىسىدا بۇلاق تازىلاش بايرىمى بولىدۇ، بۇ كۈنى كىشىلەر سۇنى قەدىرلەش، سۇنى ئۇلۇغلاش، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش مەزمۇن قىلىنغان بۇلاق تازىلاش ئەمگىكىگە قاتنىشىدۇ. بۇ 2007 – يىلى شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

  باي ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ شەرقىي – شىمالىغا 50 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يېزىدىكى 800 دىن ئارتۇق كىشى، 2200 مو تېرىلغۇ يەر، بىر قانچە مىڭ تۇياق چارۋا ئون نەچچە بۇلاق سۈيىگە تايىنىدۇ. بۇلاق ئۇلارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغانلىقى ئۈچۈن، بايلىقلار بۇلاق تازىلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن.

  1980 – يىللىرى باي سۇ ئامبىرىنى ياساش جەريانىدا ئامبار توسمىسىنىڭ ئورنىدىن قېزىپ چىقىرىلغان يۇمىلاق قەبرە ۋە بىر قىسىم ماددىي بۇيۇملار باينىڭ قەدىمدىن تارتىپلا مۇھىم ئۆتەڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

  باي يېزىسىدىكىلەرنىڭ بۇلاق تازىلاش ئادىتى نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، قومۇل ۋاڭلىرى دەۋرىلىرىدىلا يۇرت مىراپلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا 5 – ، 6 – ئايلاردا ئەرلەر بۇلاق بېشىغا چىقىپ، بۇلاقلارنىڭ لاي – لاتقىلىرى ۋە ئەخلەت – چاۋالىرىنى تازىلاپ، بۇلاق كۆزلىرىنى ئېچىپ، سۇ يوللىرىنى راۋانلاشتۇرغان ئىكەن.

  باي خەلقىنىڭ بۇلاق تازىلاش ئادىتى يېقىنقى 30 – 40 يىلدىن بۇيان كېڭىيىپ، ئاۋۋالقى 50 – 60 ئادەم بۇلاق تازىلاشقا قاتنىشىشتىن، نەچچە يۈز ئادەم قاتنىشىشتەك چوڭ بايرام تۈسىنى ئالغان ئەمگەك پائالىيىتىگە ئايلاندى. نەچچە سائەتلىك كوللېكتىپ بۇلاق تازىلاش ئەمگىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوپچە تاماق تەييارلىنىپ داستىخان سېلىنىدۇ. شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرىنى كۆرگەن باي خەلقى بۇلاق بېشىدا مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ.

  باي خەلقى ئوچۇق – يورۇق، مېھماندوست، مەشىرەپخۇمار خەلق. ئۇلارنىڭ بۇنداق جانلىق تۇرمۇش پىسخىكا روھى ھالىتى كوللېكتىۋىزىملىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاتا – بوۋىسىدىن قالغان سۇنى قەدىرلەش، سۇنى ئۇلۇغلاش، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش، بۇلاق تازىلاش بايرىمىنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇلار ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆزگىچە بۇلاق، سۇ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، بۇلاق تازىلاش ئەمگەك پائالىيەتلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە – خەلق ئىتتىپاقلىقى، مول ھوسۇل شادلىقى بىلەن بىرلەشتۈرگەن مۇنتىزىم بايرامغا ئايلاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر