باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئەيدىز

جۇڭگودا زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ سانى 14 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى

2015.10.27 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە تىزىمغا ئالدۇرغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى 1 مىليون 459 مىڭ بولۇپ، ئەمەلىي ساننىڭ 14 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، زەھەرلىك بۇيۇمنى ئۇقۇشماستىن ئىشلىتىپ قالغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بايقالغىنى 1 مىليون 459 مىڭ ئادەم، يىللىق ئۆسۈش نىسبىتى 36% بولغان، ئومۇمىي تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم زەھەرنى ئۇقۇشماي ئىستېمال قىلغانلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۆجىن 11-چېسلا ئېچىلغان دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئەزالىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى ئەھۋالنى تونۇشتۇرغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېروئىننى ئۇقۇشماي ئىستېمال قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاساسىي سان ناھايىتى زور، قايتا چېكىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، داۋالاش قىيىن، جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئېغىر ئىكەن. بىرىكتۈرۈلگەن زەھەرنى ئۇقۇشماي ئىستېمال قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەن ياشقا قاراپ يۈزلىنىشى، دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى، تۈرىنىڭ كۆپىيىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ئۆزىنى مېيىپ قىلىش، زورلۇق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان دېلولار يۈز بېرىش قېتىم سانى كۆپىيىۋاتقان ئىكەن.

  تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 887 مىڭ قېتىم زەھەر چەككەنلەرنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 264 مىڭ ئادەمنى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30.2% ۋە 12.4% ئاشقان، 197 مىڭ ئادەمگە بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئارقىلىق زەھەر تاشلاتقۇزغان، 45 مىڭ ئادەم ئاھالە كومىتېتىدا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۈچ يىلغىچە قايتا زەھەر چەكمىگەن كىشىلەرنىڭ سانى بىر مىليون توققۇز مىڭغا يەتكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى، مەملىكەتلىك زەھەر چەكلەش تارماقلىرى شەھەرلەردە زەھەر چەكلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، زەھەر مەنبەسىنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى توسۇش، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش، نۇقتىلىق رايونلارنى تەرتىپكە سېلىش، توردىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تازىلاش، زەھەر تېرىشنى چەكلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىكەن. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 146 مىڭ قېتىملىق زەھەرلىك بۇيۇم دېلوسى پاش قىلىنىپ، 69 توننا زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن، 169 مىڭ نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. زەھەر چەكلەش كۈرىشىدە، ھەر قايسى جايلارنىڭ دېلو پاش قىلىش، جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش، زەھەرنى قولغا چۈشۈرۈش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 85.5 %، 92.2 % ۋە 44.9 % ئاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر