- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2017.09.07 14:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران ئىسلام ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەررىفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ناۋادا سەئۇدى ئەرەبىستانى خالىسا، ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تەييارلىنىپ بولدى. زەررىف مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇھىم ئىسلام دۆلىتى، شۇڭا بىز ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تەييارلىنىپ بولدۇق. زەررىف سۇرىيە مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ دەرزۇردىكى قامىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇزۇپ تاشلىشى-تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىم غەلىبىسى. ھەر قايسى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ئارقىسىدا سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ پۇرسىتى يېتىپ كەلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر