باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نۇرغۇن يېڭىلىقلار يۈز بەردى

2017.09.07 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيەنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى، ئەمما تەنتەربىيەنى بىلىدىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن يېڭى ئوي-پىكىر ۋە يوللارنى كۆرۈۋالدى.

  تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتۇن مېدال رەت تەرتىپى، مۇكاپات رەت تەرتىپى تەسىس قىلىنمىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مۇسابىقە نەتىجە تىزىملىكىلا ئېلان قىلىندى، بۇنىڭدا ئالتۇن مېدال ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇش ئىدىيەسى يوق، باھالاش كۆرسەتكۈچىدە تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر توغرا تەنتەربىيە نەتىجىسى قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەندى.

  تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 19 چوڭ تۈردىكى 126 كىچىك ئاممىۋىي تۈر بۇنىڭغا كىرگۈزۈلدى، 8 مىڭغا يېقىن ئىشتىن سىرتقى ماھىر، ئەل ئارىسىدىكى ماھىر مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش قارىشىنى جانلىق يېشىپ بەردى، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، ئومۇمىي خەلق تەڭ بەھرىمەن بولۇشتەك قىممەت قارىشىنى نامايەن قىلدى.

  تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۇ ئۈزۈش، يېنىك ئاتلېتىكا، كېمە مۇسابىقىسى، تىكتاك-توپ قاتارلىق 10 چوڭ تۈردىكى 49 كىچىك تۈر يەنى 4 ھەمدە ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەم قاتناشقان تۈرلەردە ئورۇن ھالقىغان كوماندىلار مۇسابىقىگە قاتنىشىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تېخنىكا ۋە تاكتىكا جەھەتتىن ماسلاشقان تۈرلەردە ھەمكارلىشىپ كوماندا تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلدى.

  مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىدىن بولغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ شەخسىي سالاھىيەت بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلدى. تاللاش ئارقىلىق، چەۋەندازلىق، قارىغا ئېتىش، يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق 4 چوڭ تۈرگە تىزىملاتقان 8 جۇڭگولۇق ۋە جۇڭگو مۇھاجىرىدىن بولغان تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە سەھنىسىگە چىقتى.

  تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش ھالقىسىدىمۇ ئۆزگىچە ئىش يۈز بەردى، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا ئېرىشكەن ماھىرلار مۇكاپات سەھنىسىگە چىققاندا، ماھىرلاردىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ تېرىنېرلىرىمۇ سەھنىگە چىقتى، بۇ ئۇستازلارغا ھۆرمەت قىلىش روھىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ تېرىنېرلارنى زور دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ۋە ئۇلارغا ئىلھام بەرگەنلىك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر