باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كۆزىتىش شەمشىرى» ناملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى 7-سېنتەبىردىن باشلاپ كۆرسىتىلىدۇ

2017.09.07 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش ئىشخانىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە ئىشلىگەن «كۈزىتىش شەمشىرى» ناملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى 7-سېنتەبىردىن 11-سېنتەبىرگىچە ھەركۈنى كەچ سائەت سەككىزدە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.

  بۇ مەخسۇس فىلىمدا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، كۆزىتىشنى پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قىلىپ، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكى ۋە ئامما نازارەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش تۈزۈمىگە يېڭى ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆز-ئۆزىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىپ چىققانلىقى ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، مەخسۇس فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 18 ئۆلكە، رايون، شەھەرگە بېرىپ، مەركەزنىڭ 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە ئالاقىدار خىزمەتچىلىرى، 20 نەچچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش كادىرىنى زىيارەت قىلغان. كۆزىتىشتە مەسىلە يىپ ئۇچى بايقىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ۋاڭ مىن، خۇاڭ گوشىڭ، ۋاڭ سەنيۈن، سۇ شۇلىن، لۇ ئېنگۇاڭ، ۋۇ چاڭشۈن، يۈ خەييەن قاتارلىق 20 ئەمەلدارنىڭ تۆۋە قىلىش جەريانى سۈرەتكە ئېلىنىپ، كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ، كۈزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولى نامايەن قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر