باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىمىز

2017.09.07 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى شۇۋالوۋ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقى رۇسىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، رۇسىيە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ئىشقا كىرىشتى، ئەمدىلا ئاياغلاشقان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامىندىكى ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە بەزى يېڭى تەرەققىيات تۈرلىرى ئېلان قىلىندى. رۇسىيە پۇل ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان يېڭى مېخانىزم، يېڭى ئاپپاراتلاردىن ئۈمىدۋار. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقى رۇسىيەنىڭ ھەم مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە غوجا بولغان ھەم ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلىدىغان يېڭىلىق يارىتىشچان ئىقتىسادنى ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۇ رۇسىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر