خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 6- كۈنى، سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر تەكلىپلەرنى ۋە ئىلغار بېجىرگۈچى ئورۇنلارنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىدۇ چىڭلىن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى جاڭ چىڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى