باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)لەر ۋە بىڭتۈەندىكى قىسمەن شى، تۈەنلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى نازارەت قىلدى

گۈزەل تاغ- دەريالارنى قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك يۇرت- ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك

2017.09.07 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاڭ جيەنيۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ 9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى قىسمەن شى، تۈەنلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى نازارەت قىلدى.

  ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق. شۇڭا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەممە كىشىنى ئېرىشىش تۇيغۇسىدىن بەھرىمەن قىلىپ، گۈزەل تاغ- دەريالارنى ئورتاق قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك يۇرت- ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  لى جياشياڭ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە «قەشقەر شەھىرى سەمەن يولى 209- قورۇدا بېقىلىۋاتقان 78 تۇياق تۆگىنىڭ قىغى ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىنماي، ھاۋانى بۇلغىدى» دېگەن ئەرزنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر شەھىرى ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشقا بۇيرۇغان. بۇ تىجارەتچى بېقىۋاتقان تۆگىلەرنى يېزىغا يۆتكەپ، ئېغىلدىكى قىغلارنى پاكىز تازىلىۋەتكەن.

  لى جياشياڭ شۇ كۈنى يەنە بىڭتۈەن 3- شى 41- تۈەندىكى سوخۇ بازىرىدا شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، «يېشىللىققا پۈركەنگەن جەنۇبىي شىنجاڭ» ئورمانچىلىق سانائەت رايونى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ھەم مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدىيەسىنى شەھەرلەرنى پىلانلاش- قۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بارلىق ئاماللار بىلەن ياخشى قوغداپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى شەھەرنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  لى جياشياڭ 9- ئاينىڭ 3- كۈنى ئاتۇش شەھىرىدىكى كاڭچۈەن سۇ زاۋۇتىغا بېرىپ، ئۆرۈك دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۆرۈك دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاش قۇرۇلۇشى ئاتۇش شەھەر رايونى ۋە ئەتراپتىكى 200 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە شۇ جاينىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى تاغلارنى كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. لى جياشياڭ مۇنداق دېدى: سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئاتۇش شەھىرىنىڭ يېنىك سانائەت رايونىدىكى ياغاچ ماتېرىياللىرى بازىرىنى تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى ئەرز مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 8- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا: «ئازاق يېزىسى 6- ئەترىتى سۇ تۇرۇببىسى ئورناتقاندا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئىككى مو يەردىكى ئورماننى ۋەيران قىلىۋەتكەن ھەم قۇرۇلۇش ئەخلىتى تۆككەن» دەپ ئىنكاس قىلىنغان. لى جياشياڭ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ يەرگە تۆكۈلگەن قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنىڭ پاكىز تازىلانغانلىقىنى كۆردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاتۇش شەھىرى ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال يوليورۇق چۈشۈرۈپ، سانائەت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى، شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، سۇچىلىق ئىدارىسى، ئورمانچىلىق ئىدارىسى، ئازاق يېزىلىق ھۆكۈمەتنى بۇ ئەرزىيەت خېتىنى دەرھال تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشقا بۇيرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ئۈزۈل- كېسىل تۈگەتكەن.

  لى جياشياڭ يەنە ئاتۇش شەھىرى شىمالىي تاغ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بازىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى جياشياڭ شىمالىي تاغ كۆكەرتىش بازىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىقتىسادىي ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىنغانلىقىنى ئۇقۇپ، مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى قۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان يېپيېڭى ئېكولوگىيە ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى جياشياڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ 10 مىڭ مولۇق ئالاھىدە باغۋەنچىلىكتىن ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئاممىغا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ پايدىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  لى جياشياڭ 9- ئاينىڭ 4- كۈنى بىڭتۈەن 1- شى 12- تۈەنىدىكى «شىڭفۇ زاۋجىداۋ» كۆچەتچى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، «يىلى» ئارال ئېكولوگىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئورمان- ئۆسۈملۈك دورىلىرى بىرىكمە ئېكولوگىيەلىك ئۈلگە رايونىدا مۇھىت ئاسراش ۋە قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى جياشياڭ «يىلى» ئارال ئېكولوگىيەلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورمان- ئۆسۈملۈك دورىلىرى بىرىكمە ئېكولوگىيەلىك ئۈلگە رايونىدا شورلۇق سۇنى ئۇنىۋېرسال بىرتەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇم ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ھەم ئېكولوگىيەلىك كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەن تۈجۈپىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مەڭگۈ ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۈنلىن، جاڭ يۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر