باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش ھەققىدىكى بىرقانچە سىياسەت ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» تولۇق ئېلان قىلىندى

2017.09.07 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش مىنىستىرلىق كومىتېت بىرلىشىپ« «تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش ھەققىدىكى بىرقانچە سىياسەت توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئۇقتۇرۇش تېلېۋىزىيە تىياتىر ئىجادىيىتى ۋە پىلانىنى، تېلېۋىزىيە تىياتىر سېنارىيەسىنى قوللاشنى كۈچەيتىش، تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئىلمىي مۇۋاپىق مەبلەغ سېلىش، تەقسىملەش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ قويۇلۇش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، تور تىياتىرىنى باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىنى قوللاش، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدىكى خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئەدەبىيات سەنئەت خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشنىڭ يېڭى يولىنى بېكىتىش، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تەشۋىق قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتىش، تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا مۇناسىۋەتلىك مالىيە سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەمئىيەت كاپىتالىنى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى قوللاشقا يېتەكلەش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت جەمئىي 14 ماددىغا بۆلۈندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر