باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىپ، 107 مىليون يۈەن زىياننى توسۇپ قالدى

2017.09.07 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى نۆۋەتتە تېلېگراف تور ئالدامچىلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىق، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، چىقىمنى توسۇش، زىياننى قايتۇرۇۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بۇلتۇر 8-ئايدىن باشلاپ تېلېگراف تور ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق 6056 ھېسابات، 107 مىليون يۈەن پۇلنى توڭلىتىپ توسۇپ قالغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدا تېلېگراف تور ئالدامچىلىق جىنايەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان، تور ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە كۆپەيگەن. شۇڭا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى دېلو مەلۇماتىنى 24 سائەت قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئالدامچىلارنىڭ دېلو سادىر قىلىش بانكا ھېساباتى ۋە ئالاقىدار تېلېفون نومۇرلىرىنى تېزدىن قولغا چۈشۈرگەن، يەنە بىر جەھەتتىن مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس لىنىيە، مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنى بانكا، تېلېگراف تارماقلىرىغا كىرگۈزۈش ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپى ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق ھېساباتلارنى تېزدىن ئاختۇرۇپ چىقىم قىلىشنى توسىغان، دېلوغا چېتىشلىق نومۇرلارنى جىددىي ئاختۇرۇپ توختىتىپ، ئالدانغان كىشىلەرنى ئىزدىگەن ۋە ئاگاھلاندۇرغان.

  بۇندىن باشقا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى بانكىلارنىڭ ئالداپ ئېلىۋېلىنغان پۇللارنى جىددىي قايتۇرۇۋېلىشىغا ماسلىشىپ، ئاختۇرۇپ تاپقان ھامان دەرھال توڭلىتىپ چىقىم قىلىشنى توختاتقان ھەمدە تېلېگراف تور ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش سىستېما يۇمشاق دېتاللىرىنى ياساپ، ئاگاھلاندۇرۇپ توسۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالدىنىپ قالغان ئاممىغا پۇللارنى ئىمكانقەدەر تېز قايتۇرۇپ بەرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر