باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، يېڭى رېكورت ياراتتى

2017.09.07 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 80 دە 75 نومۇر بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. بۇ شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە شىرئەلىجان مۇختار، قىرانبېك ماقان، ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت، مەۋلان تۇرسۇن قاتارلىق ماھىرلارنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى لياۋنىڭ، تيەنجىن، جياڭسۇ كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنىدى. شىنجاڭ كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىىدە جياڭسۇ كوماندىسىنى يېڭىپ، لياۋنىڭ، تيەنجىن كوماندىلىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، جياڭسۇ كوماندىسى ساھىبخانا تيەنجىن كوماندىسىنى يېڭىۋالغاچقا، كوماندىلار ئارىسىدىكى يېڭىش- يېڭىلىش مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن گۇرۇپپا بويىچە 2- لىك سالاھىيىتى بىلەن، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە بىر گۇرۇپپىدا 3- بولغان بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى. شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئانچە كۆپ پەرق بولمىغاچقا، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن بولدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ماھىرلار مۇسابىقە جەريانىدا يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، باشتىن- ئاخىر تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇردى ھەم نومۇردىمۇ ئالدىدا ماڭدى. مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى كوماندا ئارىسىدىكى نومۇر پەرقى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 14 نومۇرغا يەتتى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، بېيجىڭ كوماندىسىدىكى ماھىرلار جان- جەھلى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئارىدىكى پەرقنى 3 نومۇرغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ماھىرلار قىلچە ھۇدۇقماي تەمكىنلىك بىلەن مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، غەلىبە مېۋىسىنى ساقلاپ قالدى. شىنجاڭ كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر