باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 15- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ 92سى بېجىرىلدى

2017.09.07 16:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 15- تۈركۈمدىكى 96 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 92سى بېجىرىپ بولۇنغان.

  رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 15- تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 92 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 60 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 12 پارچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 4 پارچىدىن، قومۇل شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 3 پارچىدىن، تۇرپان شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 1 پارچىدىن ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرگىنى 1 پارچە ئىكەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 29 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 26 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 19 پارچە، چاڭ- توزانغا چېتىلىدىغىنى 17 پارچە، بۇس تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 12 پارچە، سۇ بۇلغىنىشى ۋە باشقا تۈردىكىلەرگە چېتىلىدىغىنى 7 پارچىدىن، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچە ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇن، تارماقلار مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ياخشى ئىستىل، ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن ياخشى ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ گۈزەل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 15 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 864 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 810ى بېجىرىپ بولۇنغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈلۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 740 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 70 پارچە ئىكەن. تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان كارخانا 631، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كارخانا 227 بولۇپ، جەرىمانە سوممىسى جەمئىي 22 مىليون 691 مىڭ 900 يۈەن بولغان؛ بىر پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 17 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇلغان، 79 كىشى سۆھبەتكە چاقىرتىلغان، 512 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى(http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر