- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
8-ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى تۇنجى قېتىم 7-ئايدىكىدىن يۇقىرى بولدى
2017.09.07 17:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى 7-ئايدىكىگە قارىغاندا 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، PM10 ، PM2.5 نىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 7-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم-ئايرىم %2.6 ۋە %7.7 تۆۋەنلىگەن، ھاۋا سۈپىتى ئىلگىرىكىدىن ياخشىلانغان.
ئاۋالقى يىللاردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا پۈتۈن بىر يىللىق ھاۋا سۈپىتى ئادەتتە 7-ئاينىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەن، 7-ئايدىن كېيىنكى ئايلاردا ھاۋا سۈپىتىدە تۆۋەنلەش بولىدىكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم 8-ئاينىڭ ھاۋا سۈپىتى 7-ئايدىكىدىن ياخشى بولۇشتەك ئەھۋال يۈز بەرگەن. ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكىتىمىز بويىچە مۇھىت ئاسراشتىكى نۇقتىلىق 74 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى رەت تەرتىپىدە 30-ئورۇنغا تىزىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20 ئورۇن ئۆرلىگەن، ئالدىنقى ئايدىكىدىن بەش ئورۇن ئۆرلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر