باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھايات- ماماتلىق بېلەت يىغىش

گوللاندىيە ساقچىلىرىغا تۈركىيە مىنىستىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئوق چىقىرىشقا بولىدىغانلىق ھوقۇقى بېرىلدى

2017.03.16 18:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوللاندىيە روتتېردام شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەھمەد ئابۇتالىپ 13- مارت ئەھۋال بايان قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت مىنىستىرى فاتىمە بېتۇل سايان كايا 11- مارت تۈركىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا "ئۈسۈپ" كىرمەكچى بولغان. شۇ چاغدا ئەھمەد ئابۇتالىپ ئۆزى گوللاندىيە ئالاھىدە ساقچىلىرىغا، ئەگەر بىرەر كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بېرىپ قالسا، ئوق چىقىرىشقا بولىدىغان ھوقۇقنى بەرگەن.

  كايا ئەگەشكۈچىلىرىنى باشلاپ، 11- مارت گېرمانىيەدىن ئاپتوموبىل بىلەن گوللاندىيەگە كىرىپ، تۈركىيە كونسۇلخانىسىغا كىرىپ تۈركىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى ئاۋازىغا قويۇش ئىشى ئۈچۈن بېلەت توپلىماقچى بولغان. كايا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى كونسۇلخانا سىرتىدا ساقچىلار توسۇۋالغان، گوللاندىيەدىكى زور تۈركۈم تۈركلەر كونسۇلخانا سىرتىدا ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقان، ئاخىرىدا كايانى ساقچىلار گوللاندىيەدىن «ئۇزىتىپ» قويغان.

  ئىككى تەرەپ تىركىشىش مەزگىلىدە، گوللاندىيە ساقچى تەرەپ قوراللىق ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنى چىقارغان. ئابۇتالىپ تېلېۋىزىيە زىيارەت پروگراممىسىدا كايانىڭ 12 نەپەر ئەگەشكۈچىسىنىڭ قورال ئېلىپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەنسىرىگەن. ەپ، شۇڭا ئالاھىدە ساقچى ئەۋەتكەنلىكىنى ھەمدە ساقچىلارغا ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ئوق چىقىرىشقا بولىدىغان ھوقۇقنى بەرگەنلىكىنى، «ئەگەر تۇقۇنۇش پەيدا بولسا، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىملىقى»نى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر