خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- مارت چۈشتىن بۇرۇن، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالىدا 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىنى زىيارەت قىلغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
سۈرەتتە: 3- ئاينىڭ 15- كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: بۇ يىل ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى 27 تور تاراتقۇلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «زۇڭلىغا بىر ئېغىز سۆزۈم بار» دېگەن تەكلىپ-پىكىر يىغىش پائالىيىتىنى بىرلىكتە باشلىدى، توردا خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە بىلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلدى. ھازىرغىچە, 21 مىليون 310 مىڭ تورداش «ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ 70 يىللىق قەرەلى توشقاندىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن مەسىلىگە بېلەت تاشلىدى. زۇڭلىدىن سوراپ باقسام، دۆلەت بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟
لى كېچياڭ: مەنمۇ سوراپ باقاي، بېلەت تاشلانغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئىچىدە سىز دېگەن بۇ مەسىلە تاشلانغان بېلەت سانى بويىچە قانچىنچى ئورۇندا تۇردى؟
مۇخبىر: بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.
لى كېچياڭ: جۇڭگودا قەدىمكىلەردىن قالغان «مۇقىم مۈلكى بارلارنىڭ قەلبى مۇقىم بولىدۇ»، دەيدىغان گەپ بار. تور ئەھلى ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ئامما، ئۇلارنىڭ 70 يىللىق تۇرالغۇ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۆھلىتى توشقاندىن كېيىنكى مۇددەتنى ئۇزارتىش مەسىلىسىگگ ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. گوۋۇيۈەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، يەنى مۇددەتنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ئىلتىماس سۇنۇش ھاجەتسىز، ھەم ئالدىنقى شەرتىمۇ يوق، ھەم سودىغىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە, بەلكىم بەزىلەر، «سىلەر پەقەت مۇنداقلا دەپ قويدۇڭلار، بۇنىڭ قانۇن كاپالىتى بارمۇ؟» دېيىشى مۇمكىن. مەن بۇ يەردە مۇنۇلارنى تەكىتلىمەكچى، گوۋۇيۈەن ئالاقىدار تارماقلارنى كۆچمەس مۈلۈكنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇنلارنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بۇيرۇدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى