باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈرەش ئارقىلىق بۇرچنى ئادا قىلايلى، ئەمەلىي ئىشلەپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرايلى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2017.03.16 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىش، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسىنى پىلانلاش، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ 15-مارت بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بۇ، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلايدىغان، ئەل رايىنى مۇجەسسەملايدىغان يىغىن، كەيپىياتى دۇرۇس، پاك، ئەمەلىيەتچىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىغىن بولدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، خەلققە ۋاكالىتەن سۆزلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل بولغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى سەھىپىنى يېزىپ چىقتى، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  «13-بەش يىل» نىڭ تۇنجى يىلىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يىغىندا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرى، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنىپ، خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت ئوبيېكتىپ، توغرا ئانالىز قىلىنىپتۇ. ۋەزىپىلەر ئېنىق، كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ، ئەمەلىيەتچىل، راستچىل، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. ۋەكىللەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە «ئىككى مەھكىمە» نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قاراپ چىقتى، تۈرلۈك ئالاقىدار تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ توپلىدى.

  قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم قورال، ياخشى قانۇن دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنى تۈزۈپ چىقىش-يېڭى جۇڭگودىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدە ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇلغان، ھەم قانۇن چىقىرىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنغان؛ ھەم ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ تارىخىي داۋاملىشىشچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىنغان، ھەم ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىگە ماسلاشقان؛ ھەم ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر قانۇن مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىنغان، ھەم چەتئەللەرنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى پايدىلىق تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ چىقىرىلىشى-مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭگو مەسىلىسىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى تۈزۈپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر