باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3-،4-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.03.15 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3- يىغىنى 14-مارت چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 169 بولۇپ، 166 كىشى قاتناشتى، ئۈچ كىشى قاتناشمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  12-مارت چۈشتىن كېيىن، ھەر مىللەت ۋەكىللىرى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى لايىھەسىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ئورگىنالى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارە لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئورگىنالى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارە لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئورگىنالىغا ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، يۇقىرىدىكى لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئورگىنالى ۋە قارار لايىھەسىگە ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، لايىھە تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇش ئورگىنالىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چياۋ شياۋياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سانى ۋە سايلام مەسىلىسىگە ئالاقىدار قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش قارار چارە لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئورگىنالىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش قارار چارە لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئورگىنالىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا، يۇقىرىدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى تۆت دوكلات ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى ھەم بۇ تۆت لايىھە تەكلىپىگە دائىر ئاۋازغا قويۇش ئورگىنالى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر