باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان پۈتۈن ساھەلىك ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلدى

2017.03.16 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ پۈتۈن ساھەلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولغان تۇرپان شەھىرى بۇ يىل شۇ جاينىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، رايون، ناھىيە ساياھەت لىنىيەسى ۋە قاتناش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت قوشۇلغان يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت قوشۇلغان كۈتۈنۈش، ساياھەت قوشۇلغان تەنتەربىيە قاتارلىق شەكىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇرپاننىڭ بىر كۈنلۈك ساياھىتىنى نەچچە كۈنلۈك ساياھەتكە، بىر پەسىللىك ساياھەتنى 4 پەسىللىك ساياھەتكە، ئېكسكۇرسىيە ساياھىتىنى چوڭقۇر ساياھەتكە، مەنزىرە ساياھىتىنى پۈتۈن ساھە ساياھىتىگە قاراپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  تۇرپان شىنجاڭدىكى باھار ئەڭ بالدۇر كېلىدىغان جاي، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى، 4-ئاينىڭ باشلىرىدا بۇ يەردە ئۆرۈك چېچىكى ئالدى بىلەن ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەر چېچەكتىن ھۇزۇرلىنىدىغان نىشانلىق جايغا ئايلىنىدۇ. ئۇددا 4 يىل ئۆتكۈزۈلگەن تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى 24- مارت ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۇربان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەن جىڭچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۇرپان شەھىرىنىڭ دۆلەتنىڭ پۈتۈن ساھەلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى، ئىلگىرىكى يىللار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىل تۇرپان كۆرگەزمە، بايراملىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە مەنزىرگاھ ساياھىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، يارغۇل قەدىمىي شەھىرى، كارىز باغچىسى، ئۆرۈك چېچىكى كەنتى قاتارلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆرۈك چېچىكىدىن ھۇزۇرلىنىش، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ تۈرلۈك ئادىمىيەت تارىخىي مەنزىللىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر