- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى
− 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن
2017.03.16 15:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى «تيەنئەنمېن» مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە. شۇ كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى يېپىلدى.
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 3-ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا يېپىلدى. ئون كۈن ئىچىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2800دىن ئارتۇق ۋەكىلى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن ئەقىل، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قەلبلەرنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل. شۇڭا بۇ قېتىمقى «ئىككى يىغىن» ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 55 ۋەكىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. ۋەكىللەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغداش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، ئون كېچە-كۈندۈز ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، پائال ئەقىل كۆرسىتىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
بۈگۈن ۋەكىللەر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچى بىلەن «خەلق» سارىيىدىن چىقتى. بۇ بەش يىلدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا خەلقنىڭ ساداسىغا ھەقىقىي قۇلاق سېلىپ، مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش داۋامىدا خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئەلرايىنى نامايان قىلدى.
مۇشۇ پەيتتە، ھەر بىر ۋەكىل، ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ قەلبى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشكە تولدى. بىز يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ گۈزەل نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز.
ۋەكىل شى جيەنيۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈز تۇرا تۇرۇپ دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشكەنلىكىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىزدىكى ئىلمىي قىبلىنەمامىز ۋە تۈپ قوللانمىمىز.
ماھىنۇر نىياز ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: 15 يىلدا مەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا شاھىت بولدۇم. مەن چوقۇم كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
ۋەكىل مۇختەبەر سادىق مۇنداق دېدى: «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشنىڭ نىشانىدۇر. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئارزۇ نۇقتىسى قانچە يىراقتا بولغانسېرى، شۇنچىلىك يىراققا بېرىش ئىرادىسى بولىدۇ؛ نەزەر دائىرە قانچە كەڭ بولغانسېرى، تەرەققىيات بوشلۇقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ۋەكىل ياسىن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلغان بەش يىل ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارىدىن ئۆسۈپ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بولغان بەش يىلدۇر، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، گۈزەل شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. گۈزەل كەلگۈسىمىز ئالدىمىزدا، ئۇلۇغۋار پىلان قولىمىزدا. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ قەدەممۇ قەدەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە ئاتلىنىمىز.
يېڭى ئۇرۇق سېلىش يېڭى ھوسۇلدىن دېرەك بېرىدۇ. كۈچنى توپلاپ، روھىمىزنى كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر