باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر شىنجاڭدا يېمەكلىك ئىمپورت قىلىش مىقدارى ئاشتى

2017.03.15 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭلىقلار قايسى خىل ئىمپورت يېمەكلىكىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ؟ سىز بۇنىڭ تۇنجى قېتىم تارتىلغان ئۆسۈملۈك مېيى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ تاپالىدىڭىزمۇ؟

  14- مارت، شىنجاڭ چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى يېمەكلىك باشقارمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 203 مىڭ 900 توننا يېمەكلىك ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكنىڭ مال قىممىتى 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، تۇنجى قېتىم تارتىلغان ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان مال قىممىتى بىلەن ئىمپورت مىقدارى تەڭلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  ئىمپورت قىلىنغان مال قىممىتىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئالدىنقى 10 ئورۇنغا تىزىلغان ئىمپورت يېمەكلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا، تۇنجى قېتىم تارتىلغان ئۆسۈملۈك مېيى، مايلىق دانلار تۈرى، چۈچۈكبۇيا، قۇرۇق ئۈزۈم، باشقا قۇرۇق (قاتتىق پوستلۇق) مېۋە، پىرەنىك، شاكىلات، ئۈزۈم ھارىقى، كەمپۈت، ئۇن قاتارلىقلار ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭ ئىمپورت قىلغان يېمەكلىك 31 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان دۆلەت ۋە رايوندىن سەككىزى كۆپەيگەن. ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %99.8 بولۇپ، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.26 پويىنت ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر