باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز

2017.03.16 15:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 3-ئاينىڭ 15-كۈنى پارتگۇرۇپپا(كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئۇنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي تەتبىقلاشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورگاندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى دىققىتىنى باش نىشانغا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى كۆزلەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن، ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتتە نامايان قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن خىزمىتى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە بىرمۇ بىر تەقسىملەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئېھتىياجغا قاراپ تەكلىپ-تەۋسىيە بېرىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى دەل جايىدا مۇھاكىمە قىلىش، ھالقىلىق جايدا نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەخسۇس كومىتېتلار ۋە ئورگاننىڭ باشقارما، ئىشخانىلىرىدىكى كادىرلار بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى؛ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، مەخسۇس كومىتېتلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانداق قىلغاندا ياخشى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تېخىمۇ ياخشى پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە پىلانلاپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، چېڭ جېنشەن، گۈلشاد ئابدۇقادىر، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ خەن جۈن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر