باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن قوغداش، قېلىپلاشتۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك

ۋېي شىننىڭ

2017.03.15 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلار 2012-يىلىدىن باشلاپ ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنى قوغداش خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، 4153 مەھەللە ئەنئەنىۋى مەھەللە قىلىپ بېكىتىلدى. «ئەنئەنىۋى مەھەللە» دېگەن نامنىڭ قويۇلۇشى بىلەن، «يېزا-كەنت ساياھىتى»نىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشتى. ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر نۇرغۇن تۇرمۇش ئەخلىتى، پاسكىنا سۇ، شەخسىي ئاپتوموبىللارنى ئېلىپ كەلدى؛ نۇقتىلىق قوغدىلىشقا تېگىشلىك قەدىمىي ئىمارەتلەر پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتىلىپ، ئاق لاي، قىزىل سىرلار مەھەللىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئىزناسىنى ئۆچۈرۈپ، پاكىت ئاساسى يوق رىۋايەتلەر مەھەللىنىڭ تارىخىي فورماتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئېغىر «خىزمەت بېسىمى» ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنى «ھالىدىن كەتكۈزدى».

  ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، قانداق قىلىپ قوغداشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن قوغداش، قېلىپلاشتۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش، نۆۋەتتىكى چوقۇم تېز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى شاۋ چىۋېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: جايلاردىكى ئەنئەنىۋى مەھەللىلەر ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، بىرىنچى، ئوبدان پىلانلاش كېرەك؛ ئىككىنچى، تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، مەدەنىيەت ۋە قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ياخشى قوغداش، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ، ئەنئەنىۋى مەھەللە ساياھىتىنى ھەم ئۆزگىچىلىككە، ھەم تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئەمەلىيەتتە، ساياھەتچىلىك نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى پارلاق يول، ئۇنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۆيىدە قالغان ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىق يېزا مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئورگانىك ياخشىلاشقا پايدىلىق. شۇڭا، ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن قوغداش، قېلىپلاشتۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش زۆرۈر. «ئاۋۋال بۇلغاپ كېيىن تۈزەش، ئاۋۋال ئېچىپ كېيىن قوغداش»تەك كونا يولنى ئېتىپ، رايونلار ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، مەھەللىلەرگە تۆۋەن چەك بېكىتىپ، ئاھالىلەر تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە تۆۋەن چەكنى ئېنىق تونۇتۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر