باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىردا 800 نەپەر ئوقۇغۇچى يېمەكلىكتىن زەھەرلەندى

2017.03.15 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە: 800 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەنلىك سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، نۆۋەتتە بۇ زەھەرلىنىشتىن ئۆلگەنلەر كۆرۈلمىگەن، ھازىر ھەر قايسى دوختۇرخانىلار ئەڭ يۇقىرى تەييارلىق ھالىتىدە تۇرماقتا.

  مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى 14- مارت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: قاھىرەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سوخاگ ئۆلكىسىدىكى سەككىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە تەمىنلىگەن يېمەكلىكنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ھەممىسىدە قۇسۇش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، سەھىيە مىنىستىرلىقى شۇ جايدىكى بارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەييارلىق ھالىتىگە كىرىشىنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە 50 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چىقىرىپ، 800 نەپەر ئوقۇغۇچىنى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويدى.

  سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار داۋالاش ئارقىلىق دوختۇرخانىدىن چىقتى، يەنە 145 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقەنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر