خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 15- كۈنى, جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلار ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە، X9081 قېتىملىق يۈك پويىزى يولغا چىقىشقا تەييارلاندى.
شۇ كۈنى سائەت 17 ئەتراپىدا، X9081 قېتىملىق يۈك پويىزى جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلار ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتاغا يۈرۈپ كەتتى، بۇ جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ 2016- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى 200- قېتىملىق غەربكە قاتنىغان پويىزى بولۇپ قالدى. جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىن غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزلىرىنىڭ قاتناش سانى ئايمۇئاي ئۆرلەپ، 2016- يىلى 11- ئايدا، ھەر كۈنى بىر پويىز يولغا چىقىشتەك دائىملىق، كۆلەملەشكەن قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2017- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى، قورغاس پورتىدىن چىقىدىغان يېڭى يول ئېچىلىپ، تىرانسپورت ۋاقتى يەنىمۇ قىسقارتىلىپ، خېرىدارلارنى يېڭى يول تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى