باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017- يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ «دۆلەت سىزىقى»نى ئېلان قىلدى

17- مارتتىن باشلاپ تەڭشەشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ

2017.03.16 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن, مائارىپ مىنىستىرلىقى «2017- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرنىڭ تەكرار ئىمتىھانغا كىرىشتىكى دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسىگە بولغان ئاساسى تەلەپ»نى ئېلان قىلدى، 2017- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەكرار ئىمتىھان خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى، ھەر قايسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئالاقىدار ئىسلاھات سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىمتىھان مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تەڭشىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 3- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى «جۇڭگو ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى» (ئاممىۋىي تور ئادرېسى http://yz.chsi.com.cn، مائارىپ تورى ئادېرىسى http://yz.chsi.cn)دا «مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەڭشەش مۇلازىمەت سېستىمىسى»نى ئاچتى. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم تەڭشىلىش ئارزۇسى بار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋاقتىدا تورغا چىقىپ تەڭشەش ئۇچۇرى ۋە تەڭشەش سېستىمىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، تەلەپ بويىچە تەڭشەپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر