باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىللەر، ئەزالار: قەھرىمانلارنىڭ نام شەرىپىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك

2017.03.16 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئارمىيە قۇرۇلغىنىغا 90 يىل بولغان پەيتتە، قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئۇلارنى قوغداش، ئۇلاردىن ئۆگىنىش، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ئارمىيە ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى قىزغىن مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى.

  يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان قەھرىمانلارغا ھاقارەت قىلىدىغان، تارىخقا قارا چاپلايدىغان ۋەقەلەر يۈز بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قورۇقلۇق قىسىمى مەلۇم ئىسكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشلار خالىغانچە تارقىلىپ، مىللەتنىڭ ھېسسىياتىغا ناھايىتى زور ئازار بەردى، ناھايىتى يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى فەن يىنخۇا مۇنداق دېدى : قەھرىمانلارغا ھاقارەت قىلىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك، قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم.

  قەھرىمانلارغا ھاقارەت قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى ھازىرقى قانۇنلاردا قەھرىمانلارنىڭ نام شەرىپىنى قوغداشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ۋەكىل ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى قانۇنلىرىدا قەھرىمانلارنىڭ نام شەرىپىنى قوغداش ئاساسەن كەمچىل بولۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، مىللىي قەھرىمانلار، ئىنقىلابى قەھرىمانلار ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن ئايرىلمايدۇ، قەھرىمانلارغا ھاقارەت قىلىش، تارىخقا قارا چاپلاش قىلمىشلىرىغا قارىتا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئېنىق ئەمەس.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، 2-توپچىلار قىسىمى قورال جابدۇق بۆلۈمىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى نيۇ بىڭشيەن مۇنداق دېدى:دۆلەتنىڭ قەھرىمانلارنىڭ نام شەرىپىنى قوغداش قانۇنىنى تېزدىن تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش تەكلىپىنى بېرىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر