باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆي باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى زادى قانداق بولىدۇ؟

2017.03.16 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆي-خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، مىليونلىغان ئائىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق تۇرمۇش كاپالىتى، شۇڭا ئۆي باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىمۇ دىققەتنى قوزغىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  بىرەيلەن ئۈندىداردا سۆز قالدۇرۇپ، مەن شۇنى سوراپ باقاي، بۇ يىل بېيجىڭنىڭ ئۆي باھاسى يەنە ئۆرلەمدۇ؟ ھازىر ئۆي ئالساق مۇۋاپىقمۇ-ئەمەسمۇ؟ ئۆي مۈلۈك بېجى كەلگۈسىدە ئۆي باھاسىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ دەپ سورىدى.

  ئۆي ھايانكەشلىك قىلىدىغان ساھە بولماستىن، بەلكى تۇرىدىغان جاي، بۇ-مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئېنىقلىما. ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش بېسىمى زور بولغان شەھەرلەر بۇ يىل تەڭشەپ تىزگىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سوڭ گوچۈەن مۇنداق دېدى: خېفېي-دۆلەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەيدىغان ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان 16 شەھەرنىڭ بىرى. بىز ئۆي مۈلۈك بازىرىنى تۈرگە بۆلۈپ تەڭشەپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆيلۈك يەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتىمىز. ھازىر سېتىش ھالقىلىرىدا ئۆي سېلىش، سېتىش، ۋاستىچىلىق قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇۋاتىمىز.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خۇاڭ چىسېن مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش جەھەتتە، مۇقىم بولۇشنى ئالدىغا قويۇش كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەش تەدبىرى يەنىلا ئۈنۈملۈك بولۇۋاتىدۇ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھازىر تېخىمۇ قېلىپلاشتى، بۇ يىل چوقۇم شىددەت بىلەن ئۆرلەشتەك بۇلتۇرقى ئەھۋال پەيدا بولمايدۇ، مېنىڭچە بۇ يىل نىسپىي تەكشى بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سەي جىمىڭ ئۆزى تۇرىدىغان ئۆي تەمىنات نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، مەبلەغ سېلىش ۋە ھايانكەشلىك ئېھتىياجىنى تىزگىنلەش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شەھەرلەردە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆيلۈك يەرنىڭ %60، %70 نى ئۆزى تۇرىدىغان ئۆيگە ئىشلىتىپ، بۇ ئۆيلەرنى بەش يىل ئىچىدە سېتىۋېتىشكە رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك. مەبلەغ سېلىش ۋە ھايانكەشلىكنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەندىلا، باشقا ئۆي مەنبەلىرىمۇ تەبىئىيلا تۇرالغۇ بولۇش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر