پادىشاھ سالمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇل-ئەزىز ئالساد 15- مارتتىن 18- مارتقىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.سالمان بىن ئابدۇل-ئەزىز ئالساد 1935- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى رىيادتا تۇغۇلغان، سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت قۇرغان پادىشاھى ئابدۇللا-ئەزىزنىڭ ئوغلى.
سالمان 1955- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىياد ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 2011- يىلى 11- ئايدا دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان. 2012- يىلى 6- ئايدا تەخت ۋارىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن، قوشۇمچە مۇئاۋىن باش ۋەزىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سېكرېتارى بولغان. 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى، تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 7- قارار پادىشاھى، قوشۇمچە باش ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن.
سالمان 1999- يىلى 4- ئاي ۋە 2014- يىلى 3- ئايدا، ئايرىم -ئايرىم ئەينى چاغدىكى رىياد ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئەينى چاغدىكى شاھزادە سالاھىتىدە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى