باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىغا دەل جايىدا كۈچەشنى تەكىتلىدى

2017.03.13 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-مارت چۈشتىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇردى.

  يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى «تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، ئېلىپ قالالايدىغان، ياخشى تەربىيىلىيەلەيدىغان» قىلىش كېرەك

  چېن باۋشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساسىي مائارىپنىڭ تايانچى، 2015-يىلى، «يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئىش ياخشى ھەل قىلىندى:بىرىنچىدىن، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى «تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان» بولۇش، پىلان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر، نامرات تۇتاش رايونلار ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر، نامرات 265 تۇتاش رايوندىن باشقا ئۆلكىلەرنىڭ نامرات ناھىيەلىرى بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قىس بولۇش مەسىلىسى بەلگىلىك دەرىجىدە ھەل قىلىندى؛ ئىككىنچىدىن، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى «ئېلىپ قالالايدىغان» بولۇش، مەركەز مالىيەسىدىن 5 مىليارد 253 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ياردەم پۇلىنى ئۆستۈردى، 400 مىڭ يۈرۈش ئوبوروت ئۆي سېلىپ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىدى، يېزا-قىشلاقلاردا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 30 يىلدىن ئاشقان 1 مىليون 50 مىڭ ئوقۇتقۇچىغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى «ياخشى تەربىيىلىيەلەيدىغان» بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا-قىشلاقلارغا يۆتكىلىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېزا-قىشلاق مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا-قىشلاق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆسىۋاتىدۇ.

  چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: «يېزا-قىشلاق ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىنى ئىزچىل ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، كېيىنكى باسقۇچلۇق نىشان: تۈزۈم جەھەتتە ئوقۇتقۇچى ئىشتاتى ۋە ئۇنۋان باھالاش قاتارلىق كەسىپ تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش.

  «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» يېپيېڭى پىلان

  چېن باۋشېڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» نىڭ ئېنىقلىمىسى: جۇڭگوچە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش بولۇپ، ئۇ «985،211» نىڭ كۆچۈرۈلمىسى ياكى دەرىجە ئۆرلىتىلگەن نۇسخىسى ۋە ياكى تەقلىدىي نۇسخىسىمۇ ئەمەس. «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» يېپيېڭى بىر پىلان، يېڭى تارىخىي ئېقىمدا، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەن ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» بويىچە كونكرېت تاللاش ئۈستىدە توختىلىپ چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: بۇنى تۆۋەندىكىدەك تۆت سۆزگە ئىخچاملاشقا بولىدۇ: رىقابەتلىشىشتە ئالدىن تاللاش، مۇتەخەسىسلەر باھالاپ تاللاش، ھۆكۈمەت سېلىشتۈرۈپ تاللاش، جانلىق تاللاش. تاللاشتا، تارماق ئالىي مەكتەپ ۋە يەرلىكتىكى ئالىي مەكتەپلەر باراۋەر بولۇپ، ئىقتىدارى، شارائىتى يار بەرسىلا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمىز؛ مۇتەخەسىسلەر كومىتېتى 3-تەرەپنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، دەسلەپكى تىزىملىكنى چىقارغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن تاللاپ بېكىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» ئۆمۈرلۈك تۈزۈم بولماستىن، بىر دەۋردە تاماملىنىدۇ، بولمىغاندا ئورنىنى بىكارلايدۇ. بىز 1-تۈركۈمدە قۇرۇلىدىغان مەكتەپ ۋە پەنلەر تىزىملىكىنى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلان قىلىشقا تىرىشىمىز.

  كەسپىي مائارىپ مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى

  چېن باۋشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرىنچى، «ياسىمىچىلىق ئىختىساسلىقلىرىنىى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلان كۆرسەتكۈچى» بويىچە، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» كە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش؛ ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى پىلانى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلغان ھەر ئائىلىدىن بىر كىشىنى يېتىشتۈرۈپ، بىر تېخنىكا ئىگىلىتىپ، ئائىلە ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئۈچىنچى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى كەسىپ زەنجىرى ئاساسىدا قۇرۇش، مەكتەپلەرنى تەرەققىيات رايونلىرىغا قۇرۇش؛ تۆتىنچى، مەكتەپ بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا تېخنىكلىرى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولۇش، مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەش، بىر خىل «ئايلانما ئىشىك» مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بەشىنچى، «قوش ئۇستاز تىپى» دىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش، ھەم ئوقۇتۇشنى، ھەم ئىشلەشنى بىلىش؛ ئالتىنچى، «كەسپىي مائارىپ قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، جەمئىيەتنى قاراشنى ئۆزگەرتىش، كەسپىي مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، كۆيۈنۈشكە يېتەكلەپ، كەسپىي مائارىپنى كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات يولى قىلىش؛ يەتتىنچى، ئىمتىھان، ئۆرلەپ ئوقۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇشنىڭ «ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى» نى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر