باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە گوللاندىيەگە قارىتا بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى

گوللاندىيە باش ئەلچىسىنىڭ چېگرادىن كىرىشى مەنئى قىلىندى

2017.03.14 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قۇرتۇرمۇش 13-مارت كەچ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ھەمدە شۇ جايدىكى تۈركلەرنىڭ يىغىلىش ھەرىكىتىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ گوللاندىيەگە قارىتا بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  قۇرتۇرمۇش تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گوللاندىيە بىلەن بولغان بارلىق يۇقىرى قاتلاملىق سىياسىي كېڭىشىشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈركىيەنىڭ گوللاندىيەنىڭ دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشىنى مەنئى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  قۇرتۇرمۇش، تاكى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە تەرەپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپنى قاندۇرغىچە، نۆۋەتتە تۈركىيە چېگراسى سىرتىدىكى گوللاندىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتقا تۈركىيە-گوللاندىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى تارقىتىۋېتىش تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر