باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى «خەتتاتلىق سىنىپى» پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

2017.03.07 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى «خەتتاتلىق سىنىپى» قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. خەتتاتلىق سىنىپىغا زامانىۋىلاشقان پرويېكسىيە ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، مۇئەللىم ئۈستەل ئۈستىدە خەت يازغاندا، بالىلار ماس قەدەمدە دوسكىدىن پۈتكۈل جەرياننى كۆرەلەيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا خەتتاتلىق تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھى بىرلىكتە «شىنجاڭ خەتتاتلىق مائارىپى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېىلپ كەسپىي خەتتاتلىق سىنىپى قۇرۇپ، خەتتاتلىق ئوقۇتقۇچىسى تەربىيەلەيدىكەن. بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خەتتاتلىق تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا، ساپا مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

  ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو نەشرىيات گۇروھى ياردەم قىلىپ قۇرغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ۋىۋىسكا ئېسىلغان توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست-شەھەردىكى 13 باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «خەتتاتلىق سىنىپى» قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان. جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھى يەنە ۋىۋىسكا ئېسىلغان «خەتتاتلىق سىنىپى» ئۈچۈن رەقەملەشكەن ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى سەپلەشنى پىلانلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر