باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونى رۇسىيەدە بازار تاپتى

2017.03.14 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى پارچە سېتىش سودىگىرى M . Video شىركىتى ۋە Euroset شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ياسالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ رۇسىيە بازىرىدىكى سېتىلىش سالمىقى %24نى ئىگىلىگەن، سېتىش سوممىسى %19نى ئىگىلىگەن.

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، % 19 سېتىلىش مىقدارى ۋە %13 سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئىگىلىگەن نىسبەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونى بۇلتۇر بىر يىلدا رۇسىيەدىكى سېتىلىش نەتىجىسىدە رۇشەن ئىلگىرىلەش بولغان. 1-ئايدىكى سېتىلىش مىقدارى كورېيە سامسۇڭ يان تېلېفونىنىڭ سېتىلىش نەتىجىسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەن. ليەنشياڭ، خۇاۋېي، مېيزۇ، شياۋمى ۋە جۇڭشىڭ ماركىلىق يان تېلېفوننىڭ رۇسىيەدىكى سېتىلىش مىقدارى جۇڭگونىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەش داڭلىق ماركىسى بولۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر