باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۆت دۆلەتتىكى 20 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىدا قالدى

2017.03.13 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ستېۋېن ئوبرىئېن 10-مارت ئاگاھلاندۇرۇپ: دۇنيا ھازىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى. يەمەن، جەنۇبىي سۇدان، سومالى ۋە نىگېرىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتتە 20 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئاچارچىلىق ۋە قەھەتچىلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، دېدى.

  ئوبرىئېن: «بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان (1945-يىلى)دىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا دۇچ كەلدۇق». يۇقىرىقى تۆت دۆلەت ئىچىدە يەمەننىڭ ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر. ئۇدا داۋاملاشقان ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە توقۇنۇش سەۋەبىدىن، يەمەندە ھازىر ئۈچتىن ئىككى قىسىم نوپۇس، يەنى 18 مىليون 800 مىڭ كىشى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇشىغا مۇھتاج، بۇنىڭ ئىچىدە 7 مىليون كىشى ئاچارچىلىقتا قالدى، «بۇ سان بۇ يىل 1-ئايدىكىدىن 3 مىليون ئاشتى»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر